Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كامېنېۋ
دۇنيا تارىخى
加米涅夫
jiā mǐ niè fū
(1883 - 1936)، پۈتۈن روسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتىتىنىڭ رەئىسى (1917)، <يېڭى ئۆكتىچىلەر>نىڭ باشلىقلىرىدىن بىرى. ئىنژېنىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1901 - يلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1903 - يىلى پارتىيىنىڭ <ئىككىنچى قۇرۇلتىيى> دىن كېيىن بولشېۋىكلار تەرەپ بولغان. 1908 - يىلدىن باشلاپ پارىژدا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 1912 - يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1914 - يىلى ۋەتەنگە قايتقان. 1915 - يىلى سىبىريەگە سۈرگۈن قىلىنغان. فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن قايتىپ كېلىپ، پېتروگراد سوۋېتى پرېزىدىئومىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ ھارپىسىدا، پارتىيىنىڭ قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ فاڭجىنىغا قارشى تۇرۇپ، زىنوۋيېۋ بىلەن بىللە، مېنشېۋىكلارنىڭ <يېڭى ھايات گېزىتى>دە بايانات ئېلان قىلىپ، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش پىلانىنى ئاشكارىلاپ قويغان. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، بىرىنچى نۆۋەتلىك پۈتۈن روسىيە ئىجرائىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1917 - يىلى 11 - ئايدامىنشېۋىكلار، سوتسىيال ئىنقىلابچىلار قاتناشقان <بىرلەشمە ھۆكۈمەت> قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ھاكىمىيەتنى بولشېۋىكلارنىڭ تەنھا ئىگىلىشىگە قارشى تۇرغانلىقتىن، پۈتۈن روسىيە مەركىزىي ئىجرائىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىدىن قالدرۇلغان ھەمدە ئۆزلۈكىدىن مەركىزىي كومېتىت ئەزالىقىدىن ئىستىپا بەرگەن. 1919 - يىلى موسكۋا سوۋېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1922 - يىلى مۇئاۋىن خەلق كومىسسارى بولغان. 1924 - يىلى ئەمگەك ۋە دۆلەت مۇداپىئە يىغىنىنىڭ رەئىسى بولغان. 1925 - يىلى زىنوۋيېۋ بىلەن <يېڭى ئۆكتىچىلەر>گۇرۇھىنى ئۇيۇشتۇرغان. ئىككىنچى يىلى يەنە تروتىسكى - زىنوۋيېۋ پارتيىگەقارشى ئىتتىپاققا قاتناشقان. 1927 - يىلى پارتىيىدىن چىقىرىلغان. كېيىن پارتىيىلىكى ئىككى قېتىم ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، يەنە ئىككى قېتىم تازىلىۋېتىلگەن. 1934 - يىلى قولغا ئېلىنىپ، 1936 - يىلى ئۆلتۈرۈلگەن.