Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كامفائۇسېن
دائىرە: دۇنيا تارىخى康普豪森
kāng pǔ háo sēn
(1803 - 1890) پرۇسسىيە باش ۋەزىرى (1848). 1841 - يىلى گېرمانىيە پاراخوت قاتناش شىركىتىنى قۇرغان. 1842 - يىلى رېين ئۆلكىلىك پارلامېنتنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1847 - يىلى ئەركىن بۇرژۇئازىيە مۆتىدىل گۇرۇھنىڭ بىرلەشمە پارلامېنتتىكى جارچىسى بولغان ھەمدە <رېين گېزىتى> نى تەسىس قىلىشقا قاتناشقان. 1848 - يىلى مارت ئىنقىلابىدىن كېيىن پرۇسسىيەنىڭ باش ۋەزىرى بولغان. ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا چوڭ بۇرژۇئازىيەنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان، ئەكسىيەتچى كۈچلەر بىلەن مۇرەسسە قىلىش سياسىتىنى كۈچىنىڭ بارىچە يۈرگۈزۈپ، گېرمانىيە ئىنقىلابىنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇغان. شۇ يىلى 6 - ئايدا خىزمەتتىن ئستىپا بېرىشكە مەجبور بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن پرۇسسىيە ئاقسۆڭەكلىرى پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.