Uyghurئاساسىي لۇغەت
كاماكۇرا شوگۇنلۇقى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيىنىڭ تۇنجى سامورايلار ھاكىمىيىتى. شوگنات سىياسىتىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گېن يورىتومو كاماكۇرا ( بۈگۈنكى كاناگاۋا ناھىيىسىگە قارايدۇ)نى تايانچ بازا قىلىپ، 1180 - يىلى ھەربىي ساقچىلار مەھكىمىسى تەسىس قىلغان. 1184 - يىلى ئالاقە مەھكىمىسى (كېيىن مالىيە ئىشلىرى مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتىلگەن)، سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلغان. 1185 - يىلى دېگۇ خېشنى يوقاتقاندىن كېيىن ھەرقايسى جايلاردا سىياگۇن، يەر بېشى قويۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. بۇ ۋەزىپىلەرگە يېقىن كىشىلىرىنى قويۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى كونترول قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە كىيوتوسانغۇنى تەسىس قىلىپ (1221 - يىلدىن كېيىن روكوخارا تاندەي ئۇنىڭ ئورنىنى باسقان) ئوردىنى نازارەت قىلغان؛ 1186 - يىلى (1185 - يىلى چىلەرمۇ بار) كىيوسىيۇدا جېنىشى ئىجراچىسى تەسىس قىلغان، 1189 - يىلى شىمالدا ئوۋجۇ باش ئىجراچىسى تەسىس قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان سىياسىي تۈزۈلمىنى ئورناتقان. 1192 - يىلى (جيەنجۇنىڭ 3 ـ يىلى) گېن يورىتومو ئەجنەبىيلىرىگە يۈرۈش قىلغۇچى سىياگون بولۇپ، كاماكۇرا شوگۇنلۇقىنى رەسمىي قۇرغان. گېن يورىتومو ئۆلگەندىن كېيىن، 1213 - يىلى قىلىنغان. شىرەم تۇغقىنى كىتاجو ھوقۇقدار بولۇپ تەيىنلىنىپ، شوگناتنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن. 1221 - يىلىدىن كېيىن شاھىنشاھ (1180 - 1239) شوگناتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ماجرادىن پايدىلىنىپ، ئەسكەر چىقىرىپ بارگاھقا جازا يۈرۈش قىلغان، كېيىن شوگنات گوتوبا، تىسۇچىمىكادا، چونتوكۇ قاتارلىق ئۈچ شاھىنشاھنى سۈرگۈن قىلغان. 1274 - ۋە 1281 - يىللاردا يۈەن سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ تاجاۋۇزىنى ئىككى قېىتم چېكىندۈرگەن. 1232 - يىلى <جېڭيۇڭ يىلىدىكى قانۇن>نى ئېلان قىلغان. بۇ قانۇن مەملىكەت خاراكتىرىدىكى قانۇن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1331 - يىلى تېننو دائىگو (1288 - 1339) شوگونلۇقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش كويىدا بولغان. پاش بولغانلىقى ئۈچۈن كېيىن سۈرگۈن قىلىنغان. 1333 - يىلى شوگناتنىڭ جازا يۈرۈش قىلغۇچى سىياگۇنى ئاشىكاگا تاكائۇجى ئەسكەر باشلاپ توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، روكۇخارا تانداي، شىندېن يوشىسادا (1301 - 1338)نى يوقىتىپ، كاماكۇرانى بېسىۋالغان. 150 يىلغا يېقىن داۋام قىلغان كاماكۇرا شوگونلۇقى شۇنىڭ بىلەن يوقىتىلغان. ياپونىيە تارىخشۇناسلىرىنىڭ كۆپچىلىكى ياپونىيىدە فېئوداللىق جەمئىيەت كاماكۇرا دەۋرىدىن باشلانغان، دەپ ھېسابلىغان. لېكىن باشقىچە قاراشمۇ بار.