Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
卡罗尔一世
دۇنيا تارىخى
كارول Ⅰ
(1839 - 1914) رومىنىيە كىنەزى (1866 - 1881). كورۇل (1881 - 1914). پرۇسسىيە خان جەمەتى شىرەم تۇغقانلىرىنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، خوخېنىسوللېرن زىگمارىنگېلار جەمەتىدىن. 1866 - يىلى 5 - ئايدا غەلىتە ئىتتىپاقنىڭ يۆلىشى بىلەن كىنەز بولغان. 1877 - يىلى ئەسكەر باشلاپ روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە ھەدەپ قاقتى - سوقتى قىلىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى سىنىپىي زىددىيەتلەرنى ئۆتكۈرلەشتۈرۋەتكەن. نەتىجىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، 1888 - ۋە 1907 - يىللىرى دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغان. 1907 - 1905 - يىللىرى ئىشچىلار ھەرىكىتى ئەۋج ئالغان. 1883 - يىل رومىنىيىنىڭ ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقى (1882 - يىلى گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە، ئىتالىيە تۈزگەن ھەربىي ھەمكارلىق ئىتتىپاقى)غا قاتنىشىش توغرىسىدىكى مەخپىي كېلىشىمىنى ئىمزالاپ، گېرمانىيە، ئاۋستىرىيىگە بېقىنغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، گېرمانىيە تەرەپ بولۇپ ئۇرۇشقا قاتناشماقچى بولغاندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان گۇرۇھنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچراپ ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان.