Uyghurئاساسىي لۇغەت
كاللىماكوس
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 305 - 240) قەدىمكى يۇنان ئالىمى ۋە شائىرى شىمالىي ئافرىقىدىكى كېنىدە تۇغۇلغان، ئۇزۇن مەزگىل ئىسكەندىرىيىدە ئولتۇراقلاشقان. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 602 يىل ئىلگىرىدىن تارتىپ ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىنى باشقۇرغان. شۇ چاغدىكى كۇتۇپخانىدا ساقلانغان بارلىق كىتابلارنى پاپروس ئوراملىرىنىڭ يىل تەرتىپى بويىچە رەتلەپ <كاتالوگ> تۈزۈپ چىقىپ، كېيىنكىلەرنىڭ يۇنان ئاسار - ئەتىقىلەرنى تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن ئاساس ئورناتقان (بۇ <كاتالوگ> كېيىن ۋەيران قىلىۋېتىلگەن). ئۇ يەنە ئىسكەندىرىيەدە گرامماتىكا مەكتىپىنى ئاچقان. ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن ئېراتسفېنېس، ۋىزانتىيىلىك ئارىستوفانېس، رودوس ئارىلىلىق ئاپوللونىئۇس قاتارلىقلار بار. ئېيتىشلارغا قارىغاندا كاللىماكوس نەسىر، شېئىر بولۇپ 800 پارچە ئەسەر يازغان. ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغانلىرىدىن ئىئونىيە ۋە دورىيە دىئالېكتىلىرىدا يېزىلغان ئاز بىرقىسىم قاپىيىلىك شېئىرلىرى ھەمدە ئېپگراممىلار ۋە ئۈزۈك پارچىلار بار. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى رىم شائىرلىرىغا (مەسىلەن، ئوۋىدقا) بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن.