Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
卡里阿斯和约
دۇنيا تارىخى
كاللىئاس سۈلھ شەرتنامىسى
گرېتسىيە - پېرسىيە ئۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇرغان سۈلھ شەرتنامە. مىلادىدىن 449 يىل ئىلگىرى پېرسىيەنىڭ پايتەختى سۇسا (شۇش) شەھىرىدە تۈزۈلگەن. يۇنانىستان ۋەكىلى كاللىئاس (ئافىنالىق)نىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. مەزمونى تۆۋەندىكىچە: پېرسىيە ئېگېي دېڭىزى بىلەن ھېللېسىپونتوس (داردانېل بوغۇزى) رايونىغا بولغان تىزگىنلەش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىدۇ؛ پېرسىيە كىچىك ئاسىيادىكى يۇنان شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىل ئورنىنى ئېتىراپ قىلىدۇ؛ يۇنان كىچىك ئاسىيانىڭ (يۇنان شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ شەرقىي) باشقا قىسىملىرى ھەمدە مىسىر، سىپرۇس قاتارلىق يەرلەرنىڭ پېرسىيەنىڭ تەسىر دائىرىسىدە بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.