Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كالىگۇلا
دۇنيا تارىخى
卡里古拉
kǎ lǐ gǔ lā
(12 - 41) قەدىمكى رىم پادىشاھى (37 - 41). ئەسلى ئىسمى گايۇس كائېسار گېرمانىكۇس. <كالىگۇلا> لاتىنچە سۆز بولۇپ <ئۆتۈك> دېگەنلىك، بۇ لەقەم ئۇنىڭغا بالا ۋاقتىدا ئاتىسىغا ئەگىشىپ رېيىن قىسمىدا يۈرگەن چاغلىرىدا ئەسكەرلەر تەرىپىدىن قويۇلغان. چۈنكى ئۇ قىسىمدا دائىم ئۇزۇن قونچلۇق ئۆتۈك كىيىپ يۈرگەن. گېرمانىكۇس (پادىشاھ تىبېرىئوسنىڭ جىيەنى) بىلەن ئاگرىپپىنا (ئاۋگۇستوسنىڭ قىز نەۋرىسى، يەنى چوڭ ئاگرىپپىنا)نىڭ ئوغلى. تىبېرىئوسنىڭ ئورنىغا تەختكە ئولتۇرغان. باشتا ئالۋان - سېلىقنى ئازايتىپ، سىنات بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى يۇمشاتقان. كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا زاراۋانلىلق سىياسەت يۈرگۈزۈپ، ئۆزىچە چەكسىز مۇستەبىتلىك ھوقۇقۇم بار دەپ بىلىپ، ۋەزىر ۋە پۇقرالارغا ئۆزىنى ئىلاھ سۈپىتىدە بىلىپ تېۋېنىشنى بويرۇغان؛ گۇناھسىز كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۆز مەيلىچە ئسراپچىلىق قىلىپ ئاممىنىڭ نەپرىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نەتىجىدە ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.