Uyghurئاساسىي لۇغەت
كالدېلار
دۇنيا تارىخى
سېمىتلارنىڭ بىر تارمىقى. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى دەۋرنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرى مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىغا تارقالغان بولۇپ بىرقانچە شەھەر دۆلەتلىرىنى قۇرغان شۇڭا بۇ يەر كالدېيە دەپ ئاتىلىپ قالغان. مىلادىدىن 626 يىل ئىلگىرى، كالدېلارنىڭ سەركەردىسى نابوپولاسسا ئاسسۇرىيە ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، بابىلون شەھىرىنى مەركەز قىلغان يېڭى بابىلون پادىشاھلىقىنى (كالدىيە پادىشاھلىقى دەپمۇ ئاتىلدۇ) قۇرغان. مىلادىدىن 612 يىل ئىلگىرى، مېدىيە بىلەن بىرلىشپ ئاسسۇرىيەنىڭ پايتەختى نىنېۋېنى ئىشغال قىلغان، مىلادىدىن 605 يىل ئىلگىرى، ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسىنى يوقاتقان؛ مېسوپوتامىيەنىڭ كۆپ قىسمىنى شۇنىڭدەك سۈرىيە، پەلەستىن ئەتراپلىرىنى ئىگىلىۋالغان. نېبۇچادنېزار Ⅱ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى كۆپ قېتىم تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاپ، مىسىر بىلەن سۈرىيىدىكى تەسىر دائىرىسىنى تالاشقان. مىلادىدىن 583 يىل ئىلگىرى، پېرسىيە پادىشاھى كۇروس تەرىپىدىن يوقىتىلغان. كالدېلارنىڭ مەدەنىيىتى قەدىمكى بابىلوندىن بۇيانقى ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئاسترونومىيە جەھەتتە يېڭى تۆھپە قوشقان. <بابىلون پادىشاھلىقى>غا قارالسۇن.