Uyghurئاساسىي لۇغەت
كالاتراۋا رىتسارلار پولكى
دۇنيا تارىخى
ئىسپانىيىدىكى دىنىي - فېئودال ھەربىي تەشكىلات. 1158 - يىى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەرەبلەردىن تارتىۋېلىنغان كالاتراۋا قورغىنىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. 1164 - يىلى پاپا ئالېكساندر Ⅲ تەرىپىدىن تەستىقلانغان. ئىسپانىيەنىڭ قولدىن كەتكەن زېمىنلارنى قايتۇرۋېلىش ھەرىكىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان. كەڭ زېمىن، خىلمۇخىل ئىمتىيازلارغا، ھەتتا تەخت ۋارىسلىقى مەسىلىسىگىمۇ ئارىلىشىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان.16 - 15 - ئەسرلەردە ئۇنىڭ يۇقىرى قاتلىمى رىتسارلار پولكىنىڭ باشلىقلىقىنى تالىشپ، قايتا - قايتا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. 1489 - يىلى پاپا ئىننوكېنتىئۇس Ⅷ نىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئىسپانىيە كورۇلى فېردىناند Ⅱ رىتسارلار پولكى باشلىقلىقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. 1873 - يىلى تارقىتىۋېتىلگەن.