Uyghurئاساسىي لۇغەت
كالامۇللا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەت سۆزلىرى، دىنغا ئالاقىدار.
ئىشنىڭ بېشى بىسمىللا. ئىنشائاللا، شىپالىق بېرەر. سۈبھاناللا، ئۇنداقمۇ ئىش بولامدىغان. دۈشمىنىڭگە دەردىڭنى سۆزلىمە ئەسلا، خۇش بولۇپ دېمىسۇن «ئەلھەمدۇلىللا». ماشائاللا، ئىش ئوڭغا تارتتى. گېپىم يالغان بولسا، كالامۇللا ئۇرسۇن. ئالغاندا بىسمىللا، بەرگەندە ئەستاغپۇرۇللا. زاھىت سۆزىدىن يۈز توۋا قىلدۇق، ئابىد ئىشىدىن ئەستاغپۇرۇللا. قازاغا رىزا، ئەلھۆكمىلىللا. ئىللا - بىللا، يالغان ئېيىتمىدىم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاللا تەرىپىدىن چۈشۈلگەن تۆت كىتاب - تەۋرات، زەبۇر، ئىنجىل، قۇرئان - نىڭ بىرى.
«قۇرئان» ئاللانىڭ كۆرسەتمىسى سۈپىتىدە جەبرائىل ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسىسالامغا يەتكۈزۈلگەن ۋەھىيلەرنىڭ يىغىندىسى، ۋەھىيلەر يېزىلغان كىتاب.
چېڭدۇ شەھىرى جىننيۇ رايونى جىننيۇ يېزىىسىدا ما ... ئىسىملىك بىر خۇيزۇنىڭ ئائىلىسىدىن ئاجايىپ نەپىس ئىشلەنگەن بىر كىچىك قۇرئان تېپىلغان، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.7 سانتىمېتر، كەڭلىكى 2 سانتىمېتر، ئېغىرلىقى 6 گرام ئىكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بوتانىكا
ئاللانىڭ سۆزى.
- قۇرئان - ئەگەر ئىشەنمىسىڭىز - دېدى ئۇ تىترەپ تۇرۇپ، - كالامۇللانى تۇتۇپ قەسەم قىلىپ بېرىمەن.