Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
卡拉卡拉敕令
دۇنيا تارىخى
كاراكاللا يارلىقى
رىم ئىمپېراتورى كاراكاللا (211 - 217 - يىللىرى تەختە ئولتۇرغان) چۈشۈرگەن يارلىق. <كاراكاللا> ئىمپېراتورى ماركۇس ئاۋرېلىئۇس ئانتونىنۇسنىڭ لەقىمى. مىلادى 212 - يىلى چۈشۈرگەن يارلىق <ئانتانىنئانا پەرمانى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدا: ئىمپېرىيە زېمىنىدىكى بارلىق ھۆر پۇقرالارغا (<ئەل بولغان دۈشمەنلەر>، يەنى ۋەھشىي كۆچمەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا) رىم گراژدانلىق ھوقۇقى ۋە قانۇنىي شەكىلدىكى ھەممە ئاپتونومىيە بېرىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇنىڭدىن مەقسەت ئىمپېرىيەنىڭ باج تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دۆلەت خەزىنىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ يارلىقنىڭ چۈشۈرۈلۈشى رىم دۆلىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىياتى ھەم ئىمپېرىيە تەۋەسىدىكى گراژدانلىق ھوقۇقى يوق ئاھالىلەرنىڭ گراژدانلىق ھوقۇقىنى ئېلىش ئۈچۈن قىلغان كۈرىشىنىڭ نەتىجىسى شۇنداقلا رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى پۇقرالار ئارىسىدا رىم گراژدانلىق ھوقۇقىنى ئومۇملاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تاماملىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن بۇ چاغدا رىم گراژدانلىرى بىلەن گراژدان ئەمەسلىرىنىڭ چېگرىسى بارا - بارا يوقىلىپ بارغانلىقتىن، رىم گراژدانلىقىدىن بەھرىمان بولۇشنىڭ ئەمەلىي ئەھمىيىتى قالمىغانىدى.