Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
恺撒
دىن
kǎi sǎ
قەيسەر
دۇنيا تارىخى
كائېسار
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 44 ـ 100) قەيسەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى رىم سەركەردىسى، سىياسىئونى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. دەسلەپكى يىللاردا پۇقرالار بىلەن قۇيۇق ئالاقە قىلىپ، سۇللا تەرەپدارلىرىغا قارشى چىققان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كاتېلىننا سۈيقەستىگە قاتناشقان. مىلادىدىن 62 يىل ئىلگىرى باش سودىيىلىككە تەيىنلەنگەن، كېيىنكى يىلى ئىسپانىيىگە گوبېرناتور بولۇپ تەيىنلەنگەن. مىلادىىدىن 60 يىل ئىلگىرى پومپېي ۋە كراسۇلار بىلەن بىرلىشپ، ئالدىنقى ئۈچلەر ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلغان. مىلادىدىن 59 يىل ئىلگىرى كونسۇل بولۇپ سايلانغان. مىلادىدىن 58 يىل ئىلگىرى تاغنىڭ جەنۇبىدىكى گاللىيە (پو دەريا ۋادىسى) نىڭ گوبېرناتورلۇقىغا تەيىنلەنگەن ھەمدە تەسىر دائىرىسىنى كەڭ كۆلەمدە تاغنىڭ شىمالىدىكى گاللىيە (فرانسىيە، بېلگىيە قاتارلىق جايلار) گىچە كېڭەيتكەن. سەككىز يىل ئىچىدە پۈتكۈل گاللىيە رايونىنى كۆپ قېتىم بويسۇندۇرغان، نۇرغۇنلىغان بايلىق ۋە قۇللارنى بۇلاپ، رىمغا ماڭدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن كۈچ - قۇدرىتى كۈسايىن زورايغان. رېيىن دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گېرمانلارغا ھۇجۇم قىلغان (مىلادىدىن ئىلگىرى 55 - 53)، دېڭىزدىن ئۆتۈپ، برىتانىيىگە ھۇجۇم قىلغان (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 55 - 54). كراسۇ ئارساكقا جازا يۈرۈشى قىلىپ، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن (مىلادىدىن 53 يىل ئىلگىرى)، پومپېي بىلەن سېناتتىكىلەر بىرلىشىپ، ئۇنىڭ ئەسكىرىي ھوقۇقىنى بىكار قىلغان. مىلادىدىن 49 يىل ئىلگىرى قوشۇنىنى باشلاپ دۇبكۇن (شىمالىي ئىتالىيە) دەرياسىدىن ئۆتۈپ، رىمنى ئىشغال قىلغان. پومپېي كۆپلىگەن سېناتورلار بىلەن بىللە گرېتسىيىگە قېچىپ كەتكەن. مىلادىدىن 84 يىل ئىلگىرى فارسالۇ ئۇرۇشىدا غالىبىيەت قازىنىپ، پومپېينى قوغلاپ مىسىرغا كىرگەن (پومپېي ئۆلتۈرۈلگەن). پېتولېمىي خانلىقىنىڭ ئىچكى نىزالىرىغا ئارىلىشىپ، كلېئوپاترا Ⅶ نى خان قىلىپ تىكلىگەن. مىلادىدىن 47 يىل ئىلگىرى كىچىك ئاسىياغا كېلىپ، فاناسېسلارنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرغان. ئارقىدىنلا شىمالىي ئافرىقا ۋە ئىسپانىيىدە پومپېينىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى يوقىتىپ، زەپەر بىلەن رىمغا قايتىپ كەلگەن. مىلادىدىن 45 يىل ئىلگىرى سىنات ئۇنى ئەبەدىي ئىستىبدات دەپ جاكارلىغان. ئۇ ئادەتتىن تاشقىرى بەش يىل كونسۇل بولۇپ، ئاداققىي ۋاسىي، بۈيۈك گېنېرال، بۈيۈك ئۇستاز دېگەن شەرەپ ئۇنۋانىغا ئىگە بولۇپ، <ئەل ئاتىسى> دېگەن پەخرىي نامغا ئېرىشىپ، ئىسمى - جىسمىغا لايىق ھەربىي ئىستىبداتقا ئايلانغان. ئۇنىڭدا سېناتاتور (كېيىن 900 گە كۆپەيتىلگەن)لارنى سايلاش ھوقۇقى بولغان، نەتىجىدە پۇقرالار مەجلىسى ئىسمى بار، جىسمى يوق، قۇرۇق رامكىغا ئايلىنىپ قالغان. ئۇ ئىتالىيە ۋە باشقا رايونلاردىكى 80 مىڭغا يېقىن ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن كونا ئەسكەرلىرىگە يەر بۆلۈپ بەرگەن، شۇنداقلا جەنۇبىي گاللىيە ۋە ئىسپانىيەنىڭ بىرقانچە شەھەرلىرىدىكى يۇقىرى قاتلامدىكى زاتلارغا رىم گراژدانلىق ھوقۇقىنى بېرىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كەڭ قوللاشقا ئېرىشكەن. رىمدىكى نامرات پۇقرالارغا بېرىلىدىغان ئاشلىق نورمىسىنى كونترول قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئاھالىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويغان. ئۇ بويرۇق چۈشۈرۈپ، كاتتا رىم كۇتۇپخانىسى سالدۇرغان، مەيدان، ئىبادەتخانا ۋە تىياتىرخانىلارنى ياساتقان. ئىسكەندەرىيە شەھىرىدىن ئاستونوملارنى تەكلىپ قىلىپ، رىمنىڭ تۇنجى قۇياش كالېندارى - <يۇلىئۇس كالىندارى> نى تۈزۈپ چىققان. كائېسارنىڭ دىكتاتۇرىسى سېناتتىكى بىر تۈركۈم جۇمھۇرىيەتچىل ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. مىلادىدىن 44 يىل ئىلگىرى 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، برۇتۇس ۋە گايۇس قاتارلىقلار تەرىپدىن قەست قىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ: <گاللىيىدىكى ئۇرۇش>، <ئىچكى ئۇرۇش> قاتارلىق ئەسەرلىرى بولۇپ، يېزىق قۇرۇلمىسىنىڭ ئاددىيلىقى بىلەن لاتىن يېزىقىنىڭ نەمۇنىسى دەپ ئاتالغان. <كائېسار> دېگەن نام كېيىنچە رىم ۋە غەرب ئېمپېراتورلىرىنىڭ ئەمەل نامىغا ئايلانغان.
ئۇنىۋېرسال
kǎi sǎ
قەيسەر )قەدىمكى رىم پادىشاھى(