Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كايرولى
دۇنيا تارىخى
卡伊罗利
kǎ yī luó lì
(1825 - 1889) ئىتالىيە باش ۋەزىرى (1878، 1879 - 1881)، لېبرالىستلارنىڭ داھىيىسى. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 40 - 60 - يىللىرى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىگە پائال قاتناشقان، بىر مەزگىل ماززىنىغا ئەگەشكەن. 1860 - يىلى گارىبالدىنىڭ <قىزىل كۆڭلەكلىكلەر قوشۇنى> نىڭ ئۇزۇنغا يۈرۈش قىلىشىنى ئۇيۇشتۇرۇشىغا ياردەملەشكەن ۋە بۇ قوشۇننىڭ بىر روتىسىغا قوماندانلىق قىلغان. 1861 - 1864 - يىللىرى ۋە 1867 - يىلىدىن تارتىپ ئىتالىيە پادىشاھلىقى پالامېنت ئەزاسى بولغان. ئىتالىيە بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن سودا ـ سانائەت بۇرژۇئازىيىسى لىبرالىستلىرىنىڭ <سول قانات> غا ۋەكىللىك قىلغۇچى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئۇ باش ۋەزىر بولۇپ تۇرغان چاغلاردا ئىتالىيە كاپىتالىستىك ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن؛ ئاۋستىرىيە ئىگىلىۋالغان جەنۇبىي تىرول ۋە باشقا يەرلەرنى قايتۇرۋېلىشنى قوللغان، دىپلوماتىيە جەھەتتە ئىتالىيەنىڭ ھېچقانداق ئىتتىپاققا قاتناشماسلىق سىياسىتى (يەنى <پاك قول بولۇش> سياسىتى)نى يۈرگۈزۈپ، ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ زىددىيىتىدىن پايدىلانماقچى بولغان. 1188 - يىلى فرانسىيە تۇنىسنى بېسىۋالغاندىن كېيىن خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن.