Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
开普勒
دۇنيا تارىخى
كېپلېر
(1571 - 1630) گېرمانىيىلىك ئاسترونوم. فوتىنبۇرگدىكى بىر كەمبەغەل ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. پروتېستانت. 1589 - يىلى تۇبىنگېن داشۆسىدە ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيە پەنلىرىنى ئۆگىنىپ تەتقىق قىلغان. 1594 - يىلى گراز (ئاۋسترىيىگە تەۋە) ئالىي مەكتىپىدە ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيە لېكتورى بولغان. 1600 - يىلى پراگاغا بېرىپ شۇ يەرگە ئولتۇراقلاشقان. دانىيە ئاسترونومى تېىۇ بىراھى (1546 - 1601) نىڭ ياردەمچىسى بولغان. ئىككىنچى يىلى بىراھنى ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش ماتېرىياللىرىغا ۋارسلىق قىلغان. 1602 - يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى رودولوف Ⅱ نىڭ ئوردا ماتېماتىكى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن. 1612 - 1626 - يىللىرى، لىنىز (ئاۋسترىيىدە)دا ماتېماتىكا پروفېسسورى بولغان. رېگېنسبۇرگدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئاساسىي تۆھپىسى شۇكى، ئۇ پلانتلار ھەرىكىتىنىڭ ئۈچ چوڭ قانۇنىنى تاپقان؛ (1) پلانىتلار ھەرىكىتىنىڭ ئوربىتىسى ئېللېپس شەكلىدە بولۇپ، قۇياش ئېللېپسىنىڭ بىرىكىش نۇقتىسىغا جايلاشقان. (2) قۇياش مەركىزى بىلەن پلانىتا مەركىزى ئارىلىقىدىكى تۇتاش سىزىقىنىڭ ئوربىتىسىدا ئۇرۇنۇپ ئۆتكەن يۈزى ۋاقىتقا ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. (3) پلانىتىنىڭ ئوربىتىدا بىر قېتىم ئايلانغان ۋاقتىنىڭ كۋادراتى ئۇنىڭ قۇياشقىچە بولغان ئوتتۇرىچە ئارىلىقىنىڭ كۇبىغا ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. مۇھىم ئەسەرلىرىدىن <يېڭى ئاسترونومىيە> قاتارلىقلار بار.