Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
开罗会议
دۇنيا تارىخى
قاھىرە يىغىنى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، 1943 - يىلى 11 - ئاينىڭ 22 - 26 - كۈنلىرى جۇڭگو، ئەنگلىيە، ئامېرىكا ئۈچ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ قاھىرەدە ئۆتكۈزگەن يىغىنى. يىغىندا ياپونىيىگە قارشى بىرلىشىپ كۈرەش قىلىش پىلانى، ياپونىيىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن ياپونىيىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان. يەنە ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش قارارى چىقىرىلغان ھەمدە جۇڭگو، ئەنگلىيە، ئامېرىكىنىڭ <قاھىرە خىتابنامىسى> ئىمزالانغان.