Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كافېرو
دائىرە: دۇنيا تارىخى卡菲艾罗
kǎ fēi ài luó
(1846 - 1892) ئىتالىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى ئەربابى. ئاتاقلىق ئائىلىدىن كېلىپ چىققان. قانۇن ئۆگەنگەن. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا ياۋرۇپادا ساياھەتتە بولۇپ، پارىژدا بۇرژۇئا ئىنقىلابىي دېموكراتلىرى تەشكىلاتى بىلەن ئۇچراشقان. 1870 - يىلى لوندوندا ماركىس ۋە ئېنگلېس بىلەن تونوشۇپ ئۇلارنىڭ تەسىرىدە 1 - ئىنتىرناتسىئونالغا قاتناشقان. كېيىنكى يىلى 5 - ئايدا ئىتالىيىگە قايتىپ كېلىپ، ئىنتېرناتسىئونالىنىڭ نېئاپول ياچېيكىسىنى باشقىدىن قۇرغان ھەمدە مەركىزىي كومىتېتنىڭ لۇشيەنىگە ئەمەل قىلغان.1872 - يىلنىڭ بېشىدا ئانارخىست بولۇپ ياكونىن بىلەن ئالاقە ئورناتقان ھەمدە ئىتالىيە ھۆكۈمەتسىزلىك ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. 1874 - ۋە 1877 - يىللىرى ئىككى قېتىم ھۆكۈمەتسىزچىلەرنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭىنى ئۇيۇشتۇرغان. 70 - يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ھۆكۈمەتسىزلىك ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىدىن ئاستا - ئاستا قۇتۇلغان. ئۇنىڭ 1879 - يىلى ئېلان قىلغان <>كاپىتال<> نىڭ بىرىنچى تومىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش< دېگەن ئەسىرى ماركىس تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. 1882 - يىلى قولغا ئېلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن كېسەللىك سەۋەبىدىن سىياسىي ساھەدىن چېكىنگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.