Uyghurئاساسىي لۇغەت
كافكاز ئۇرۇشى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
كافكاز رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ چاررۇسىيىنىڭ بويسۇندۇرۇشىغا قارشى تۇرۇش يولىدكى ئۇرۇشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ئاجىزلاشقان پۇرسەتتىن پايدىلانغان چاررۇسىيە ئەسكەر چىقىپ كافكازدىكى كارس، ئولجۇنۇپ قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىپ، ئۇ يەرلەردە مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىدى. 1817 - يىلىدىن باشلاپ چېچىن، داغىستان تاغلىق رايونى ۋە غەربىي شىمال كافكاز رايونىدىكى مۇسۇلمانلار مۇرىد پىرقىسىنىڭ چاقىرىقى بىلەن چاررۇسىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى جىھاد قىلدى. 1828 - يىلىدىن كېيىن تارقاق، ئىستىخىيىلىك قارشىلىشىشتىن ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئازادلىق ئۇرۇشىغا ئۆزگەردى. 1830 - يىلى غازى مۇھەممەد (1785 - 1832) كافكازنىڭ شەرقىي ۋە شىمالىي قىسمىدا ئىسلام خەلىپىلىكى قۇردى. 1840 - يىلىدىن 1850 - يىلىغىچە رۇسىيىگە قارشى ئۇرۇشتا ناھايىتى چوڭ غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىچكى جەھەتتە يانچىلىق تۈزۈم مۇناسىۋىتىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئىجتىمائىي سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ باردى. 1851 - يىلىدىن كېيىن چاررۇسىيە ئۇلارغا كۈچلۈك ئارمىيە بىلەن زەربە بەردى، ئىچكى زىددىيەتلەر ئۆتكۈرلەشتى، قوشۇن پارچىلاندى، 1859 - يىلى خەلىپىلىك مۇنقەرز بولدى. كافكاز رايونىنى 1864 - يىلى چاررۇسىيە يۇتۇۋالدى.