Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
咖啡
خىمىيە,يېزا ئىگىلىك
kā fēi
قەھۋەDئۇنىۋېرسال
kā fēi
قەھۋە
Dتېببىي
kā fēi
قەھۋە، كوفىDئورمانچىلىق
kā fēi
كافى دەرىخىDسودا
kā fēi
كافې ، قەھۋە
دائىرە: بىئولوگىيەقەھۋە دەرىخى
رويان ئائىلىسىگە كىرىدۇ، يېشىل چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ. ئۈچ دانە يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئايلانما بولۇپ ئۆسىدۇ، قاتتىق، ئۇزۇن تۇخۇم شەكىللىك ھەم ئۇچلۇق بولىدۇ؛ تەگلىك يوپۇرمىقى يوپۇرماق سېپى ئارىلىقىدا بولىدۇ. گۈلى يالغۇز ئۆسىدۇ ياكى قولتۇقتا ئۆسكەن گۈلى توپىنى ھاسىل قىلىدۇ. رەڭگى ئاق، گۈل كاسا نەيچىسى قىسقا نەيسىمان ياكى پىلدىرلىغۇچسىمان بولىدۇ، 4 - 5 كە چىشسىمان يېرىلىدۇ؛ گۈلتاجى كېپىنەكسىمان بولۇپ، 4 - 8 گە يېرىلىدۇ، يېرىقچە ياپراقچىلار يېيىلىپ تۇرىدۇ، ئايلانما بولۇپ تىزىلىدۇ، بوغۇز قىسمىدا بەزىدە تۈكچىلەر بولىدۇ؛ ئاتىلىقى گۈلتاجىنىڭ بوغۇز قىسمى ياكى ئۇنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە ئۆسىدۇ، ئاتىلىق يىپى قىسقا بولىدۇ ياكى بولمايدۇ؛ ئانىلىق بوينى يىپسىمان ياكى بىرئاز توم بولىدۇ. شىرنىلىك مېۋىسى شارسىمانغا يېقىنراق شەكىلدە بولىدۇ. ئۇرۇقى ئىككى، مۈڭگۈزلەشكەن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەسلى ماكانى ئافرىقا بولۇپ، ھازىر تەيۋەن، گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ ۋە يۈننەن قاتارلىق جايلاردا بەش خىل تۈرى كىرگۈزۈلۈپ ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسەن تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرى ئاساس قىلىنىدۇ؛ چوڭ مېۋىلىك قەھۋە (C.liberica) ئوتتۇراھال مېۋىلىك قەھۋە (C.canephora) ۋە كىچىك مېۋىلىك قەھۋە (C.arabica). قەھۋە ئىسسىق بەلباغنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي زىرائىتى بولۇپ، چاي، كاكائولار قاتارىدىكى دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ ئىچىملىكنىڭ بىرى. بولۇپمۇ ياۋروپا، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئىنتايىن ئومۇملاشقان. ئۇ نېرۋىنى جانلاندۇرۇش ۋە ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا دورا قىلىنىدۇ.
ئىختىساسلىق
دائىرە: خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلىkā fēi
كىيىم - كېچەك، يېمەكلىك ۋە كۈندىلىك بۇيۇملار
يېمەكلىكلەر
قەھۋە ;كوفى
سول قولنىڭ بارماقلىرىنى بوش يۇمۇپ ئىستاكان تۇتقانغا ئوخشىتىدۇ، ئوڭ قول بىلەن بارماق ھەرىپى <ك> نى كۆرسىتىدۇ ۋە ئوتتۇرا بارماقنى سول قولنىڭ ئېغىزىغا توغرىلاپ ئارىلاشتۇرغاندەك ھەرىكەت قىلىدۇ.
GetWord كۇللىياتى
ئاھاڭ: 8kā fēi
قەھۋە
قەھۋە دەرىخى
كافې ، قەھۋە
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.