Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
卡尔玛联合
دۇنيا تارىخى
كالمار ئىتتىپاقى
دانىيە، شۋېتسىيە، نورۋىگىيىلەرنىڭ دانىيە كورۇلىنى ئورتاق كورۇل قىلىپ بېكىتكەن ئىتتىپاقى. 1387 - يىلى نورۋىگىيە كورۇلى ئولا Ⅴ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئانىسى، دانىيە كورۇلىۋاسى مارگارېتا (1353 - 1412) نورۋىگىيە كورۇللۇقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. 1389 - يىلى يەنە شۋېتسىيىنىمۇ قوشۇمچە باشقۇرغان. 1397 - يىلى، بۇ ئۈچ دۆلەت شۋېتسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى كالمار شەھىرىدە رەسمىي ئىتتىپاق تۈزگەن. ئىتتىپاق: ئۈچ دۆلەت مارگارېتانىڭ سىڭلىسىنىڭ قىز نەۋرىسى ئىرىك (1382 - 1454) نى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئورتاق كورۇل قىلىپ سايلاش؛ تاشقى ئىشلار، دۆلەت مۇداپىئەسىدە ئۇنىڭ قوماندانلىقىنى قوبۇل قىلىش؛ ئىچكى ئىشلار جەھەتتە ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ساقلاپ قېلىش دەپ بەلگىلەنگەن. كېيىن دانىيىنىڭ شۋېتسىيە، نورۋىگىيىلەرگە قىلغان دەھشەتلىك ئېكىسپىلاتاتسىيىسى ۋە زۇلمى خەلقنىڭ قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1523 - يىلى، دانىيىنىڭ تەسىر كۈچى شۋېتسىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. گۇستاپ ۋاسا شۋېتسىيىنىڭ ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان. دانىيە نورۋىگىيىنىڭ ئىتتىپاقى 1814 - يىلغىچە داۋاملاشقان.