Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
卡杜达尔
دۇنيا تارىخى
كادۇدال
(1771 - 1804) بۈيۈك فرانسىيە ئىنقىلابى دەۋرىدىكى مۇنارخىستلار توپىلىڭىنىڭ كاتتىباشلىرىدىن بىرى. دېھقان ئائىلىسىدىن. 1793 - يىلى ۋاندېيە رايونىدىكى پادىشاھپەرەسلەر توپىلىڭىغا قاتناشقان. يېڭىلگەندىن كېيىن برېتانىيە شۇئانچىلار ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان. 1794 - يىلى 6 - ئايدا ياكوبىنچىلار ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، تۇمۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. 1797 - 1803 - يىللىرى كۆپ ۋاقتىنى ئەنگلىيىدە ئۆتكۈزۈپ داۋاملىق تۈردە پادىشاھپەرەسلەر توپىلىڭىنى پىلانلىغان. 1799 - يىلى تۇمانلىق ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن بىر مەزگىل ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن يارىشىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ناپولېئون ئارقىلىق بوربون جەمەتىنى تىرىلدۈرمەكچى بولغان. سۆھبەت بۇزۇلغاندىن كېيىن ئەنگلىيىگە قېچىپ كەتكەن. ناپولېئوننى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن، 1803 - يىلى 8 - ئايدا فرانسىيىگە يوشۇرۇنچە يېنىپ كېلىپ، ئەنگلىيەنىڭ ياردىمى بىلەن سۈيىقەستچىلەر گۇرۇھىنى ئۇيۇشتۇرغان، بۇ گۇرۇھ كېيىن ئاشكارلىنىپ قېلىپ، 1804 - يىلى 3 - ئايدا قولغا ئېلىنىپ، 6 - ئايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.