Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كاچىن
دائىرە: دۇنيا تارىخى加香
jiā xiāng
(1869 - 1958) فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرغۇچىسى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. دېھقان ئائىلسىدىن كېلىپ چىققان. 1891 - يىلدىن باشلاپ ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتناشقان، كېيىن ئالىي مەكتەپتە پەلسەپە پروفېسسورى بولغان. 1906 - يىلدىن باشلاپ، فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسنىڭ سول قانات ئەزاسى بولغان ھەمدە تەشۋىقات مىنىستىرى بولغان. ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال چاقىرغان يىغىنلارغا كۆپ قېتىم قاتناشقان ھەمدە <ئىنسانپەرۋەرلىك گېزىتى>نى تەھرىرى ۋە باشلىق بولغان. روسىيە ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىنى قوللىغان. 1920 - يىلى فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە ۋاكالىتەن كوممۇنىستىك ئىنتىرناتسىئونالنىڭ ئىككىنچى قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. شۇ يىلى نۇر يىغىنىدا ئىنقىلابچىلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، كۈرەش ئېلىپ بارغان. ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا قاتنىشىش توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللىغان، فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى دۇنياغا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. كېيىن ئۇزاققىچە فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە سىياسىي بيۇرۇنىڭ ئەزاسى بولغان ھەمدە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە ھەيئەت رىياسىتى ئەزاسى بولغان (1924 - 1943). 1914 - يىلدىن باشلاپ پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1935 - يىلدىن باشلاپ كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. ھۆكۈمەتنىڭ گېرمانىيەنىڭ رۇر رايونىغا ئەسكەر چىقىرىش ۋە ماراكەش مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇش سىياسىيىگە قەتئىي قارشى تۇرغانلىقتىن، كۆپ قېتىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، مەملىكەت ئىچىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان ھەمدە كۆپ قېتىم مىللىي ئۇيۇشمىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى克钦
kè qīn
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.