Uyghurئاساسىي لۇغەت
كابرال
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1460 - 1526) پورتۇگالىيىلىك دېڭىز ساياھەتچىسى. 1500 - يىلى 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى پورتۇگالىيە كورۇلى - مانۇئېلنىڭ پەرمانىغا بىنائەن دېڭىز فلوتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ھىندىستانغا بارغان. يېشىل تۇمشۇق تاقىم ئاراللىرىدىن ئۆتكەندىن كېيىن نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن غەربكە كېتىپ قېلىپ، ئويلىمىغان يەردە 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى برازىلىيە دېڭىز قىرغىقىغا بېرىپ قالغان. يەنە داۋاملىق ھىندىستانغا قاراپ يۈرۈش جەريانىدا ئۈمىد تۇمشۇقى يېنىدا قارا بورانغا يولۇقۇپ تۆت كىمىسى ھالاك بولغان. سەپەردىشى پورتۇگالىيىلىك دېڭىزچى دىياش دېڭىزىدا چۆكۈپ ئۆلگەن. 9 - ئايدا، كابرال ھىندىستانىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى كالىكۇت (ھازىرقى نامى كوزىكودې) قا يېتىپ بارغان. 1501 - يىلى 7 - ئايدا زور تۈركۈمدىكى خۇش پۇراق ماتېرىياللارنى ئېلىپ لىسابۇنغا قايتىپ كەلگەن.