Uyghurئاساسىي لۇغەت
كى
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
سۆز ئاخىرىسىغا قوشۇلۇپ ئېيتىلىدىغان تەكەللۇپ قوشۇمچىسى. مەسىلەن: يىسلەكى، كىرسىلەكى، دىسلەكى، قىسلاكى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
باغل. يېزت. ئاساسەن شېئىرىي ئەسەرلەردە كېلىپ <شۇنداق قىلىپ، نەتىجىدە> دېگەن مەنىدە سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتىدىكى ئىككى جۈملىنى باغلايدۇ.
چېپىشتى ئارغىماقلار مۇشۇ يولدا، قىلىچ - قالقانلار جەۋلان قىلدى قولدا. ئۇلار شىردەك ئېتىلدى ياۋغا گويا، كى ئۇيغۇر قۇدرىتىنى كۆردى دۇنيا.
باغل. بېقىندۇرغۇچى جۈملىنىڭ ئاخىرىدا كېلىپ بېقىندى جۈملىنى بېقىندۇرغۇچى جۈملىنىڭ مەلۇم بۆلىكى بىلەن باغلايدۇ.
ئۇ ئۆزىنى شۇنداق چوڭ تۇتىدۇكى، ئۆزىدىن باشقا ھېچكىمنى كۆزىگە ئىلمايدۇ.
يۈك. تەكت ۋە كۈچەيتىش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
دۈشمەن قارشى تۇرغانلىكى نەرسىنى بىز ھىمايە قىلىشىمىز لازىم.