Uyghurئاساسىي لۇغەت
كىڭ
دۇنيا تارىخى
(1) ۋىليام لىئون ماكېنزې كىڭ (1874 - 1948) كانادا زۇڭلىسى (1921 - 1930 ۋە 1935 - 1948)، لىبېرالىستلار پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تورۇنتۇ، چېكاگو ۋە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇغان. ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولغان، ئەمگەك مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. زۇڭلى بولۇپ تۇرغاندا، كانادانى بىرلككە كەلتۈرۈپ، كانادادا تولۇق ئاپتونومىيىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە تىرىشقان. <سانائەت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك>، <ئامېرىكا تەرەپتە تۇرغان كانادا>، <كانادا ۋە ئەركىنلىك ئۇرۇشى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (2) ئېرنېست يوسېف كېڭ (1878 - 1956) ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى ۋە باش قوماندانى (1941 - 1945). 1901 - يىلى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاتلانتىك ئوكيان فلوتى قوماندانىنىڭ ياردەمچى شتاب باشلىقى بولغان. 1941 - يىلى ئاتلانتىك فلوتىنىڭ قوماندانى بولغان؛ كېيىن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1942 - يىلى 3 - ئايدا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش مىنىستىرى بولۇپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ستراتىگىيىلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان. 1944 - يىلى ئادمىراللىققا ئۆستۈرۈلگەن، 1945 - يىلى دەم ئېلىشقا چىققان. ئۆزى توغرىسىدا تەرجىمىھال يازغان.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
كەڭ
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئوخشاش، ئەينى