Uyghurئاساسىي لۇغەت
جىزيا
دۇنيا تارىخى
ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ جان سانى بېجى. ئەسلىدە بويسۇندۇرۇلغان رايونلاردىكى غەيرىي مۇسۇلمان ئەرلەردىن ئېلىنىپ، باج سوممىسى باج تاپشۇرغۇچىنىڭ مال - مۈلكى ۋە ئورنىغا قاراپ ئوخشاش بولمىغان. قېرى، ئاجىز،. ئانا ۋە بالىلاردىن، نامرات راھىب ۋە پوپلاردىن ھەمدە دىننى ئۆزگەرتىپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلاردىن كەچۈرۈم قىلىنغان. ئۇمەييە سۇلالىسى دەۋرىگە بولۇپمۇ مىلادىن ⅤⅢ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، ياش - قېرى دەپ ئايرىماي، ئومۇميۈزلۈك ئېلىنىدىغان بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە باج سانىمۇ زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلغان. باج تاپشۇرمىغانلار قاماققا ئېلىنغان. بۇ بارا - بارا، جايلاردا ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ ئېغىر باج - سېلىقلىرىغا قارشى قوزغىلاڭلارنى پەيدا قىلغان. ئوسمان ئىمپېرىيىسى مەزگىلىدىمۇ بۇ تۈزۈم يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان.