Uyghurئاساسىي لۇغەت
جۇشەن بازىرىدىكى شىمالىي خامە
دائىرە: ئىسلام ئاتالغۇلىرىبۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى جېنەندىكى كەيفېڭ شەھىرىنىڭ جۇشەن بازىرىدا. بۇ مەسچىت 1531 - يىلى سېلىنغان. 1745 - يىلى رېمونت قىلىنغان. جۇشەن بازىرىنىڭ شەرق، غەرب، جەنۇپ، شىمالىدىكى تۆت مەسچىتنىڭ ئىچىدە بۇ مەسچىت ئەڭ ياخشى ساقلانغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 9 مىڭ كۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ. قۇرۇلۇش كۆلىمى 10 مىڭ 30 كۋادرات مېترغا يېتىدۇ. دەرۋازىلارنى زىننەتلەشتە ئەينەك ئورنىغا بېلىق قاسرىقى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇنداق زىننەتلەنگەن دەرۋازا جۇڭگودىكى ئاز ئۇچرايدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.