Uyghurئاساسىي لۇغەت
جۇش
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قايناق، قاينىماق، كۆتۈرۈلمەك، دولقۇن؛ قىزغىنلىق. كۆچمە مەنىسى: غەۋغا، غۇلغۇلا، توپىلاڭ: جوش باھار - باھار تاشقىنى؛ جۇش ئۇرماق - قاينىماق؛ جۇش سالماق - غەۋغا چىقارماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
<ئۇرماق> پېئىلى بىلەن بىرىكىپ كېلىپ:
دولقۇنلىماق، مەۋج ئۇرماق.
كۈن ئۆتەر، ئايلار ئۆتەر، يىللار ئۆتەر تېز قوغلىشىپ، خۇددى دەريا سۈيى تېز ئاققىنىدەك جۇش ئۇرۇپ.
كۆچمە. قاينىماق، تولۇپ تاشماق.
شۇنداق قىلىپ، بۇ يەردە يېڭىلا جۇش ئۇرۇپ تۇرغان قىزغىنلىق بىردىن پەسىيىپ، شتاب ئىچى جىمىپ قالغاندەك بولۇپ كەتتى.