Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
均役法
دۇنيا تارىخى
سېلىق تەڭشەش قانۇنى
چاۋشىيەن لى سۇلالىسىنىڭ مالىيە تۈزۈملىرىدىن بىرى. ھەربىي تەمىناتنىڭ تولۇق بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، كىرىم - چىقىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، باجنى ئازايتىش، خەلق يۈكىنى تەڭشەش ئۈچۈن يولغا قويغان بىر خىل ئىسلاھات تەدبىرى. 1752 - يىلدىن باشلاپ خەلق زىممىسىدىكى ھەربىي لازىمەتلىك رەخت سېلىقى (ھەربىي خىزمەت ئۆتەش ئورنىغا رەخت تاپشۇرۇشنى دەسسىتىشتىن ئىبارەت نوپۇس بېجى)نىڭ يېرىمىنى كېمەيتىۋالغان، يىللىق تاپشۇرىدىغان ئىككى توپ رەختنى بىر توپقا چۈشۈرگەن. بۇرۇن پادىشاھ جەمەتى ۋە باشقا ھوقۇقلۇق ئائىلىلەر شەخسىي ئىگىلىۋالغان بېلىقچىلىق بېجى، تۇز بېجى، كېمە بېجى قاتارلىقلارنى ھۆكۈمەت ئالىدىغان باجغا ئۆزگەرتكەن. باج گۈرۈچ، باجپۇل دېگەن نام ئاستىدا يەر بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىش بىلەن ھەربىي رەخت سېلىقىنىڭ يېرىمىنى كېمەيتىپ ئېلىشتىن كېلىپ چىققان مالىيە جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرغان. بۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن قارىماققا دېھقانلارنىڭ ھەربىي رەخت سېلىقى شەكىل جەھەتتەيېرىم كېمەيتىلگەن، ئەمما ئەمەلىيەتتە باجگۈرۈچ ۋە باج پۇل دېگەن نام بىلەن يەر بېجى يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۋەتكەن. بېلىقچىلار، تۇزچىلارنىڭ بېلىقچىلىق، تۇزچىلىق ۋە كېمىچىلىك باج - سېلىقىنى كۆپەيتكەن.