Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
军部大臣现役武官制
دۇنيا تارىخى
ئارمىيە ۋازارىتى ۋەزىرلىكىنى ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ئوفىتسېرلار ئۆتەش تۈزۈمى
ياپونىيىنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى پەقەت ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان گېنېرال - ئوفىتسېرلار ئۈستىگە ئېلىش بىلەن چەكلەش تۈزۈمى، مېيجىنىڭ 4-يىلى ئېلان قىلىنغان ئارمىيە ۋازارىتى خىزمەتچى خادىملىرى توغرىسىدىكى پەرمانىدا، كوماندىرلار ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان گېنېرال - ئوفىتسېرلاردىن بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. 1900-يىلى 5-ئايدا قۇرۇقلۇق - دېڭىز ئارمىيە ۋازارىتى ئەمەلدارلىق تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ «قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرلىرى ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان مارشال - گېنېراللاردىن بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. 1913-يىلى 6-ئايدا، ئاساسىي قانۇننى قوغداش ھەرىكىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. «26-فېۋرال ۋەقەسى» دىن كېيىن ھەربىي ۋازارەتنىڭ قۇترىتىشى ئاستىدا،1936-يىلى 5-ئايدا، خىروتاكوكى ئىچكى كابىنېتى بۇ تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ھەربىي ۋازارەت بۇ خىل ئىمتىياز تۈزۈمىدىن پايدىلىنىپ سىياسىيغا مۇتەھەملىك بىلەن ئارىلىشىپ، كۆپ قېتىم بەزى ئىچكى كابىنېتلارنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى ياكى بەربات بولۇشىغا مەجبۇر قىلغان.