Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
军布
دۇنيا تارىخى
ھەربىي لازىمەتلىك رەخت
چاۋشيەن لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى مالىيە تۈزۈملىرىدىن بىرى. لى سۇلالىسى مۆمىن پۇقرالىق سالاھىيىتى بولغان ئاھالىلەر ئىچىدىن ئەسكەر ئېلىشنى بەلگىلەنگەن، لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە، مالىيە كىرىمىنىڭ يېتىشمەسلىكىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، ئەسكەر بولۇشقا تېگىشلىك بولۇپ ئەسكەرلىككە ئېلىنماي قالغان ياراملىق يىگىتلەرنىڭ رەخت تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان، بۇ ھەربىي لازىمەتلىك رەخت دەپ ئاتالغان. بۇنىڭ بىلەن دېھقانلارنىڭ يۈكى ئېغىرلاشقان، ھەرقايسى جايلاردىكى دېھقانلار پايدىسىغا ھەربىي لازىمەتلىك رەخت تاپشۇرۇش ئۈچۈن قەبىلىلەر بويىچە سەرمايە چىقىرىپ جامائەت ئىشلىرىنى يولغا قويۇپ، ھەربىي لازىمەتلىك رەخت ئۇيۇشمىسى دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە تەشكىلاتلارنى قۇرغان. 1871 - يىلى (گاۋزۇڭنىڭ 8 - يىلى) ھەربىي لازىمەتلىك رەخت بىلەن ھەربىي تەمىنات تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى نوپۇس بېشىغا ئىككى سەر رەىت پۇلى ئېلىش بەلگىلەنگەن.