Uyghurئاساسىي لۇغەت
جۇمۇ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
يۈكلەنمە
بۇيرۇق - تەلەپ مەيلىدىكى جۈملىلەرنىڭ ئاخىرىغا قوشۇلۇپ، ئالاھىدە جېكىلەش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
- ھەي، راۋابنى ئەكىلىپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالمىغىن جۇمۇ! - دېدى ئۇ بوۋاي بالىغا.
بايان مەيلىدىكى جۈملىلەرنىڭ ئاخىرىغا قوشۇلۇپ، ئاڭلىغۇچىدىن جۈملىدە ئېيتىلغان ئىشنى بىلىپ قويۇش تەلەپ قىلىنغانلىقىنى، بەزىدە ئاگاھلاندۇرۇش، ئەسلىتىش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
- سىلىنىڭ بۇ ئىشلىرىغا ئاتىلىرى تازا رازى ئەمەس جۇمۇ، - دېدى ئەلانۇرخان ئوغلىغا چاي سۇنۇپ تۇرۇپ.