Uyghurئاساسىي لۇغەت
جۇ كېجېن
مەشھۇر شەخسلەر
جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرسىڭىز «ھەقىقەتـنـى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» دېگەن خەت كۆزىڭىزگە تاشلىنىدۇ. بۇ خەت «جـېـجـيـاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەرۋىشچىسى» دەپ ئاتالغان سابىق مەكتەپ مۇدىرى، پروفېسسور جۇ كېجېن (1890 −1974 ) نىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مەكتەپ تەلىمى ئىدى. جۇ كېجېن مۇشۇ روھ بىلەن جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى «لۈكچەكلەر ئۇنىۋېرسىتېتى» دىن «شەرقتىكى كـامبرج» دەپ ئاتىلىدىغـان مەشھۇر ئالىي بىلىم يۇرتىغا ئايلاندۇرغان. جۇ كېجېن دەل مۇشۇ روھ بىلەن ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى زامانىدىكى مەشھۇر ئالىمى ۋە پېداگوگىغا ئايلىنـىـدۇ. جۇ كېجېن ئېلىمىزنىڭ يېقىنقى زامان جۇغراپىيىسى ۋە مېتېئورولوگىيىسىنىڭ ئاساسچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگونىڭ كىلىماتى، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئىلىم - پەن تارىخى تەتقىقاتىدا گەۋدىلىـك مـۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئۇ يېڭى جۇڭـگـو قۇرۇلغـاندىن كېيىن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولىدۇ.
جۇ كېجېن جېجياڭنىڭ شاۋشىڭ شەھىرىدىكى دۇڭـگـۇەن بـازىـرىـدىـن، كىچىكىدە يېزا تۇرمۇشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقـا، يـېـزا ئىـگـىلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي كۈرەش نىشانى قىلغان. كۆپچىلىككە مەلۇمكى، فېنولوگىيە ئارقىلىق دېھقانچـىلىق ئىـشلىرىغـا يېتەكچىلىك قىلىش ئېلىمىزنىڭ قەدىمكـى زامان يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى. جۇ كېجېن فېنولوگىيە بىلىملىرىنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر بىلگەچكە، فېنولوگىيە تەتقىقاتىنـى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، فېنولوگىك كۆزىتىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان ۋە «فېنولوگىيە» كىتابىنى يېزىپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدا كەڭ تەسىر پەيدا قىلغان. جـۇ كېجېن يەنە قەدىمكى زامان ھۆججەت - ماتېرىياللىرىدىن فېنولوگىيىگـە دائىـر خاتىرىلەرنى توپلاشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن، سېلىشتـۇرۇپ تـەتقـىـق قىلىش ئارقىلىق، فېنولوگىيىنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشىنـى ئۆلچەم قىلغـان كىلىمات ئۆزگىرىشى نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ يۈكسەك دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىغان.
جۇ كېجېن باشتىن - ئاخىر: ئىلىم - پەن خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىمى
«ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش»، يەنى، ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، كەڭ، چوڭقۇر، ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، توغرا يەكۈنگە ئېرىشىش ۋە بۇ يەكۈننى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلاش كېرەك، دەپ قارايدۇ، ئۇ مانا مۇشۇ خىل روھ بىلەن ھەر كۈنى كىچىك كەيتى نۇسخىسىدا رەتلىك خاتىرە يـازغان. جـۇ كېـجـېـنـنىڭ ھازىرغىچە ساقلانغان خاتىرىلىرىدىن40 نەچچىسى بار، ئۇ نـەچـچـە ئون يىل مابەينىدە خاتىرە يېزىشنى بىر كۈنمۇ توختاتمىغان. ئۇ كۈندىلىك خاتىرىنىڭ باشلىنىشىغا شۇ كۈندىكى تېمپېراتۇرا، ھاۋا بېسىمى، شامال، بۇلۇت، فېنولوگىك كۆزىتىشنى خاتىرىلەيدۇ. بـۇ ئۇنىڭ كۈندىلىك خىزمەت خاتىرىسى، تەسىرات خاتىرىسى، شۇنداقلا تۇرمۇش ئەسلىمىسى. بۇ خاتىرىدە ئەستايىدىل، ئىجتىھاتچان ئالىمنىڭ تۇرمۇش ئىزى خاتىرىلەنگەن.
جۇ كېجېن − ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى زامان ئالىملىرى قوشۇنىدىكى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنىڭ ھەقىقىي نەمۇنىسى.
ئۆگىنىش
جۇ كېجېن ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى زامان داڭلىق ئالىمى بولۇپ، مېتېئورولوگىيە، كىلىماتولوگىيە، فېنولوگىيە، جۇغراپىيە، تەبىئىي پەنلەر تارىخى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەدە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قازانغان. قەتئىي ئىرادىسىدىن يانمايدىغان ئۆگىنىش روھى ئۇنىڭ ئەنە شۇنداق زور نەتىجىلەرنى يارىتىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر.
جۇ كېجېن نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، دائىم ھەر خىل ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىۋېلىپ تېمپېراتۇرا، ھاۋا بېسىمى، شامال يۆنىلىشى، ھاۋا رايى، فېنولوگىيە قاتارلىق مېتېئورولوگىيىگە دائىر ئەھۋاللارنى كۆزىتىپ ۋە خاتىرىلەپ ماڭغان.1958 - يىلى ئۇ شىنجاڭنىڭ ئىلى ئوبلاستىغا تەكشۈرۈشكە بارغان، بۇ جەرياندا سايرام كۆلىدىن ئىككى قېتىم ئۆتۈپ، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى خاتىرىلىۋالغان. ئۇ9 - ئاينىڭ14 - كۈنى خاتىرىسىگە مۇنداق دەپ يازغان: »سائەت11 دىن32 مىنۇت ئۆتكەندە ئالدىمىزدا قېنىق كۆك رەڭلىك بىر كۆل كۆرۈندى، ئۇ سايرام كۆلى ئىدى، كۆل بويىدا سەنتەي دەيدىغان بىر ئۆتەڭ بار ئىكەن. تاغدىن چۈشۈپ ئەرتەيگىچە بولغان يەرلەرنىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ نەنسەن تېغىغا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن … « ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇ قايتىش سەپىرىدە يەنە سايرام كۆلىدىن ئۆتۈشىدە مۇنداق خاتىرە قالدۇرغان: »يەنە سايرام كۆلىنىڭ بويىغا كەلدۇق، تېمپېراتۇرىنى ئۆلچىدىم، بۇ چۈشتىن كېيىن سائەت تۆت بولغان چاغ بولۇپ، بۇ يەرنىڭ تېمپېراتۇرىسى12 سېلسىيە گرادۇس، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى14 سېلسىيە گرادۇس چىقتى. شۇ يەردىكى تاشيول رېمونت قىلىشقا مەسئۇل قازاقلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كۆلنىڭ سۈيى تۇزلۇق بولۇپ، چارۋا - ماللار ئىچسە بولىدىكەن، ئادەم ئىچسە بولمايدىكەن، يەر سۇغىرىشقىمۇ بولمايدىكەن. كۆلنىڭ سۈيى ناھايىتى سۈزۈك ئىكەن، مەن تەجرىبە قىلىپ بېقىش ئۈچۈن كۆل سۈيىدىن ئەۋرىشكە ئېلىۋالدىم.« ئۇ يېرىم يىلدىن كېيىن سايرام كۆلىدىن ئېلىۋالغان سۇنىڭ ئەۋرىشكىسىنى ئانالىز قىلىپ، ئانالىز نەتىجىسىدىن خاتىرە قالدۇرغان، شۇنداق قىلىپ، بۇ خاتىرە بىر پارچە مۇكەممەل ئىلمىي ماتېرىيال بولۇپ قالغان.
جۇ كېجېن1936 - يىلى1 - ئاينىڭ1 - كۈنى تۇغۇلۇپ،1974 - يىلى2 - ئاينىڭ7 - كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن، ئۇ مۇشۇ قىسقىغىنا38 يىل38 كۈندە، كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى بىرەر كۈنمۇ توختىتىپ قويمىغان. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا، كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپ تۇرۇپمۇ ھاۋا رايىدىن مۇنداق خاتىرە قالدۇرغان: «بۈگۈن يۇقىرى تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن1 سېلسىيە گرادۇس، تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن7 سېلسىيە گرادۇس، بىر بالدىن ئىككى بالغىچە شەرق شامىلى چىقتى، ھاۋا ئوچۇق، كېيىن بۇلۇتلۇق بولدى.» ئۇ مۇشۇ خاتىرىنى يېزىپ بولغاندا، قولى ھەرىكەتتىن قالدى، ئۇ بۇنى مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسەن خاتىرىلىگەچكە، خاتىرىسىنىڭ ئاخىرىغا: «مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتى» دەپ ئەسكەرتىپ قويغانىدى.
ئۆگىنىش ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش كىشىلەردىن ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر تۈرلۈك ۋەزىپە، شۇڭا كىشىلەر ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتتە ئۆسۈپ يېتىلىدىغانلىقىنى «دەرەخ بىر يىلدا ئەي بولىدۇ، ئادەم نەچچە ئون يىلدا ئادەم بولىدۇ» دەپ سۈپەتلىگەن. ئىجتىھات بىلەن تىرىشىدىغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، قىلىۋاتقان ئىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم.