Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
菊花
بىئولوگىيە
جۇخار گۈلى
جۇخار گۈلى ئائىلىسىگە كىرىدىغان، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزسىمان غولى ئانچە - مۇنچە ياغاچلىشىدۇ، غولى تىك ئۆسىدۇ، تۆۋەن قىسىمى بەزىدە ياغاچلىشىدۇ، ئۈستى قىسىمى شاخلىنىدۇ، ئىنچىكە تۈكچىلەر ياكى تىۋىت تۈكچىلەر بولىدۇ، يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، يوپۇرماق ئالىقىنى تۇخۇم شەكىللىكتىن تۆمۈنە شەكىللىككىچە بولىدۇ. گىرۋىكىدە يىرىك چوڭ ھەرە چىشى بولىدۇ ياكى چوڭقۇر يېرىلىدۇ. باشسىمان گۈل رېتى شاخ ئۇچىدا يالغۇز ياكى توپلىشىپ ئۆسىدۇ. سىرتقى قەۋىتىدىكى ئومۇمىي ئورىغۇچى يوپۇرمىقى يېشىل، يىپسىمان بولىدۇ، گىرۋىكى پەردىىشىدۇ؛ تىلسىمان گۈلى ئاق، قىزىل، سۆسۈن ياكى سېرىق بولىدۇ. ئورۇق مېۋىسى يېتىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسلى ماكانى جۇڭگو ۋە ياپونىيە. ئۇنىڭ سورتلىرى گۈل رېتىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، رەڭگى ۋە شەكلىگە ئاساسەن پەرقلىنىدۇ. جۇخار گۈلى ھويلا - ئاراملاردا ئۆستۈرۈلىدىغان چىرايلىق مەنزىرە ئۆسۈملۈكىدۇر. ئاق جۇخار گۈلى ئىچىملىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ؛ ئاق جۇخار گۈلى بىلەن سېرىق جۇخار گۈلىنىڭ باشسىمان گۈل رېتى جۇڭگوچە داۋالاشتا دورىغا قوشۇلىدۇ، شامال ۋە ئىسسىقنى تارقىتىش، جىگەرنى ياخشىلاپ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ؛ ئاساسەن زۇكام (تومۇ)، باش ئاغرىش، كۆز قىزىرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا قىلىدۇ. ئادەت بويىچە يەلنى تارقىتىپ ئىسسىقنى ھەيدەشكە سېرىق جۇخار گۈلى، جىگەرنى ياخشىلاپ كۆزنى روشەنلەشتۈۈشكە كۆپىنچە ئاق جۇخار گۈلى ئىشلىتىلىدۇ. جۇخار گۈلى يىلتىزى ياكى ئۇلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
jú huā
جۇخارگۈل
Dباغۋەنچىلىك
jú huā
جۇخار گۈلىDئۆسۈملۈك
jú huā
دېندارانتېماگۈلى، جۇخارگۈلDتېببىي
jú huā
جۇخارگۈل (مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى جۇخارگۈلنىڭ گۈلى )Dيېزا ئىگىلىك
jú huā
جۇخارگۈل
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
سەبدىگۈل
بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق، سەبدىگۈلگە ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكلىدە، سېپى بولىدۇ، گىرۋەكلىرىدە يېرىقچىلىرى ياكى چىشلىرى بولىدۇ. كۈزدە چېچەكلەيدۇ. گۈلىنىڭ
رەڭگى، شەكلى ۋە چوڭ - كىچىكلىكىدە ئۆزگىرىش كۆپ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلىنى ئېچىلغاندا ئۈزۈۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل
ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
يەل ھەيدەش، ئىسسىقنى تارقىتىش، جىگەرنى تازىلاش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، چاقا -
جاراھەتلەرنىڭ زەھىرىنى تازىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
سەبدىگۈل، پۇنۇس، جىنتىيانا، ئەگرىسۇنا، ئاق چۇغلۇقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 15 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، زۇكامداپ
قىزىپ، باش ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى سەبدىگۈلنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، زۇكام، قىزىتما، باش ئاغرىقى، كۆز قىزىرىش، گال ئاغرىش، باش قېيىش ۋە
قۇلاق ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سەبدىگۈلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، زۇكام، قىزىتما، كۆز تورلىشىش ۋە جىگەر ھارارىتى ئۆرلەشكە
مەنپەئەت قىلىدۇ.