Uyghurئاساسىي لۇغەت
جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتى توغرىسىكى ئاق تاشلىق كىتاب
دۇنيا تارىخى
ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ئاق تاشلىق كىتاب دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1949-يىل 8-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئامېىركىنىڭ جياڭ جيېشى ھاكىمىيىتىنى قوللاش سىياستى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى <ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى> دېگەن ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلغان. تېكىستى سەككىز بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا 1844-يىلى ئامېرىكا جۇڭگونى <ۋاڭشيا شەرتنامىسى> نى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغاندىن تارتىپ 1949-يىلى جۇڭگو ئىنقىلابى پۈتۈن مەملىكەت مقياسىدا ئاساسەن غەلىبە قازانغانغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدىكى جۇڭگو -- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان سىياسىتى بايان قىلىنغان. بۇنىڭدىن مەقسەت ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىنى ئاقلاش، ئۆز سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئاقلاشتىن ئىبارەت. ئاق تاشلىق سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيىتنى ئاقلاشتىن ئىبارەت. ئاق تاشلىق كىتاب قىلىنغاندىن كېيىن، ماۋزېدۇڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ <خام خىياللارنى لېيتون>، <ئاق تاشلىق كىتاب نېمە ئۈچۈن مۇھاكىمە قىلىنىدۇ>، <دوستلۇق> مۇ ياكى تاجاۋۇزچىلىقىمۇ؟، <ئىدېئالىستىك تارىخىي قاراشنىڭ بەربات بولۇشى> دېگەن بەش پارچە ماقالىنى ئېلان قىلىپ، <ئاق تاشلىق كىتاب> قا باھا بېرىپ، ئاېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ جاھانگىرلىك ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ يۈز بېرىشى ۋە غەلىبە قىلىشىدىكى سەۋەبلەرنى شەرھلەپ بەرگەن.