Uyghurئاساسىي لۇغەت
جۇڭگو تەبىئىي پەن مۇكاپاتى
دۇنيادىكى مۇكاپاتلار
1979 - يـىـلى12 - ئايـدا دۆلـەت ئېلان قـىـلـغـان «جـۇڭـخـۇا خـەلــق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەبىئىي پەن مۇكاپاتى نىزامى» دا تەبىئەت ھادىسىلىرى، ئالاھىدىلىكى ياكى قانۇنىيىتىنى شەرھلـىـگـەن ۋە پـەن - تـېـخـنـىـكـا تەرەققىياتىدا زور ئەھمىيىتى بار پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىگـە تـەبـىئىـي پەن مۇكاپاتى بېرىشكە بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. تەبىئىي پـەن مـۇكـاپـاتـى دۆلەت دەرىجىلىك مۇكاپات بولۇپ، مۇكاپاتلانغان تۈر جۇڭگـونـىـڭ پـەن - تېخنىكا سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، شـۇڭـا مـۇكـاپـاتـقـا ئېـرىـشـكـەن نەتىجىلەرنىڭ ئومۇمەن دۇنياۋى ئىلغار سەۋىيىـگە ئىگە بولۇشى يـاكـى دۇنـيـاۋى ئىـلـغـار سەۋىيىگە يەتكەن بولۇشى تەلەپ قىلىنىـدۇ. تـەبـىئىـي پـەن مـۇكـاپـاتـى تۆت دەرىجە بولۇپ، ھەممىسىدە شەرەپ گۇۋاھنامىسى ۋە مېدال تارقـىـتـىـلـىـدۇ، ئەگەر پەن تەتقىقات نەتىجىسى ئالاھىدە زور ئەھمىيەتلىـك بـولـسـا، ئالاھىـدە مۇكاپات بېرىلىپ، ئايرىم رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ.
دۆلەت تەبىئىي پەن مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلغان تەتقىقات نەتىجىلىـرىنى، ئومۇمەن، ئاۋۋال دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى مۇھىم ئىلمـىـي ژۇرنـاللاردا ئېلان قىلىش ياكى مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىـكـى ئىـلـمـىـي يـىـغـىـنلاردا دوكلات قىلىش، كەسىپداش مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېتىراپ قىـلـىـشـى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئاندىن تەتقىقات ئاپپاراتلىـرى، ئالـىـي مەكتەپلەر، مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىلـمـىـي تـەشـكـىلاتلار ۋە كـانـدىـدات تەتقىقاتچى ياكى كاندىدات تەتقىقاتچىدىن يۇقىـرى سـەۋىـيىـدىـكـى پـەن - تېخنىكا خىزمەتچىسىدىن10 دىن يۇقـىـرى ئادەم بـىـرلـىـشـىـپ تـەۋسـىـيـە قىلىشى كېرەك. تەۋسىيـە قىلىنغان تۈرلەرنى مۇناسىپ تارماقلار تەكشـۈرگـەنـدىـن كـېـيـىـن، تەبىئىي پەن مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىـتـىـشـىـگـە يـوللايـدۇ، دۆلەت پەن - تېخنىكا كومىتېتى تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇكـاپـات بـېـرىـدۇ. بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن نەتىجـە ئىـسـىـمـلـىـكـى تـولـۇق تېكىستى بىلەن «پەن - تېخنىكا گېزىتى»، «جۇڭگو مـائارىـپ گـېـزىـتـى» ۋە «جۇڭگو ئىلىم-پەن گېزىتى» گە بېسىلىدۇ، ئاندىن ئىككى ئاي غۇلغۇلا مەزگىـلـى بولىدۇ، ئەگەر ئىككى ئاي ئىچىدە باشقىچە پىكىر بولمىسا، مـۇكـاپـات بـېـرىـشـكـە بولىدۇ.
«تەبىئىي پەن مۇكاپاتى نىزامى» ئېلان قىلىنىشتىن ئىلـگـىـرى،1956 - يىلى ئېلىمىزدە بىر قېتىم تەبـىئىـي پـەن مـۇكـاپـاتـى تـارقـىـتـىـلـغـان،1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا خـۇا لـوگـېـڭ، ۋۇ ۋېـنـجـۈن ۋە چـيـەن شـۆسـىـنلار ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىنكى تەبىئىي پەن مۇكاپاتى ئىككى يىلدا بىر قـېـتـىـم باھالىنىۋاتىدۇ.