Uyghurئاساسىي لۇغەت
جۇڭگو مايلىق زەرنەپ دەرىخى
بىئولوگىيە
ئۈچ ئۇچلۇق شەمشاد ئائىلىسىگە كىرىدۇ. چاتقال ۋە دەرەخ، قوۋزىقى نېپىز پلاستىنكىلارغا يېرىلىپ تۆلۈىدۇ. يوپۇرمىقى بۇرمىسىمان، ئازراق ئەگرى، ئالدى ئۇچى قىسقا ئوقياسىمان، تۈۋى يۇمىلاق، ئوتتۇرا تومۇرى روشەن بولۇپ كەينى يۈزىدە ئىككى يول ئاق رەڭلىك ھاۋا تۆشۈكچە بەلبېغى ئۆسىدۇ. ئاتىلىق شارچە گۈلى تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، 6 - 7 دانىسى توپلىشىپ ئۆسۈپ باشسىمان ھالەتتە بولىدۇ. ئومۇمىي گۈل شېخى قىسقا بولىدۇ، ئانىلىق شارچە گۈلىنىىڭ بىرقانچە جۈپى ئۆز ئارا گىرەلىشىپ ئۇدۇل ئۆسىدۇ، قورساق تەرىپىدە ئىككى دانە تۆرەلمە تۈگۈنى بولغان ئورىغۇچى يوپۇرماقلاردىن تۈزۈلىدۇ، ئۇزۇن سېپى بولىدۇ، ئۇرۇقى ئۈچكىلىك مېۋىسىمان بولۇپ، تۈگۈن تېگى يېتىلىشتىن ھاسىل بولغان گۆشلەشكەن يالغان مېۋە پوستى ئوراپ تۇرىدۇ، دائىم بىر قانچىسى بىر ئوقتا ئۆسىدۇ، تۇخۇم شەكىللىك ياكى شارسىمان، ئازراق ياپىلاق بولۇپ، ئۇچىدا كىچىك ئوقيا بېشى بولىدۇ. ئۇ جۇڭگو ئالاھىدە دەرىخى بولۇپ، چاڭجىياڭ ۋادىسى ياڭى چاڭجىياڭنىڭ جەنۇبىدىكى ھەر قايسى ئۆلكە، جېنەننىڭ جەنۇبىي قىسمى، جياڭشىنىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە گەنسۇنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا تارقىلىدۇ. ياغاچ ماتېرىيالى مۇستەھكەم بولۇپ، دېھقانچىلىق سايمانلىرى ۋە ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ. يوپۇرماق، شاخ، ئۇرۇق ۋە يىلتىزىدىن ئۆسۈملۈك ئىشقارى ئايرىۋېلىنىدۇ. ئۇ ئاق قان كېسەللىكى ۋە لىمفا گۆش ئۆسمىسىنى داۋالاشتا بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىگە. جۇڭگو مايلىق زەرنىپى بىلەن ئوخشاش ئۇرۇقداشتىكى خەنيەن مايلىق زەرنىپى دەرىخى تەركىبىدە ئۆسۈملۈك ئىشقارىنىڭ مىقدارى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.