Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
掘土派
دۇنيا تارىخى
قازغۇچىلار
<ھەقىقىي تەڭ تەقسىماتچىلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅦⅩ ئەسىردىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە، يەرسىز ۋە يېرى ئاز دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان رادىكال مەزھەپ. يولباشچىسى ۋىنىستانلېي. ئىجتىمائىي سىياسىي باراۋەرلىك ۋە مال - مۈلۈك باراۋەرلىكىنى تەلەپ قىلغان. يەرگە بولغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى بىكار قىلىش، يەرنى قايتىدىن پۇقرالارغا قايتىدىن تەقسىم قىلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. ياللانما ئەمگەكسىز ئورتاق تېرىقچىلىق قىلىش يولى بىلەن بۇ مەقسەتكە يېتىشىنى ئۈمىد قىلغان. 1649 - يىل 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى قازغۇچىلارنىڭ بىرنەچچە ئەزاسى سېرراي ۋىلايىتىدىكى كوبىھام بازىرى ئەتراپىدىكى سېن گېئورگې ئىدىرلىقىدا توپا قازغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ھەرىكەتكە يېزىلاردىكى ئاددىي خەلق ئاۋاز قوشقان. 1650 - يىلى 3 - ئايدا نوھامپۇدون ۋىلايىتى، كېنت ۋىلايىتى ۋە گلوستېر ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردىمۇ كوللېكتىپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىشى ئاندا - ساندا كۆرۈلگەن. بۇ ھەرىكەتلەر پومىشچىكلارنىڭ ئارىلشىشى ۋە پارلامېنتنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، 1651 - يىلى كرومۋېل ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. بۇ گۇرۇھ 1649 - 1650 - يىللىرى ئارىلىقىدا بىر قاتار ھۆججەتلەرنى تارقاتقان، ئاساسلىقى 1649 - يىلى 3 - ئايدا نەشىر قىلىنغان <ئەنگلىيەدىكى ئىزىلگۈچى نامراتلار خىتابنامىسى> دېگەن كىتابچە. 1652 - يىلى، ۋىنىستانلېي <جۇمھۇرىيەت سىياسىي تۈزۈلمىسى پروگراممىسى> دەپ ئاتىغان ھۆججەتتە قازغۇچىلارنىڭ ئوتۇپىك غايىسىنى ئومۇميۈزلۈك تەسۋىرلەپ بەرگەن.