Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
جۈپ نىكاھلىق ئۇرۇقداشلىق
دۇنيا تارىخى
对偶婚家族
duì ǒu hūn jiā zú
توپ نىكاھلىق ئۇرۇقداشلىقتىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن نىكاھ ۋە ئائىلە شەكلى. تەخمىنەن نادانلىق دەۋرى بىلەن ياۋايىلىق دۋرىنىڭ ئارىلىقىدا مەيدانغا كېلىپ، ئاساسەن ياۋايىلىق دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچىدىن يۇقىرى باسقۇچىغىچە بولغان مەزگىلدىمۇ ساقلانغان (ئۇنىڭدىن كېيىن بىر ئەر - بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمىگە ئۆتكەن) ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى: بىر ئەر بىلەن بىر ئايالنىڭ تۇرمۇش قۇرۇشى ئاساس قىلىنغان، ئومۇمەن، يەككە نىكاھقا مەنسۇپ بولسىمۇ، لېكىن بىللە تۇرىدىغان ئايرىم ئۆي يوق، ئايرىلىش ۋە قوشۇلۇش بىرقەدەر ئەركىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھوقۇق كۆپىنچە ئايال تەرەپتە بولغان؛ ئىقتىسادىي بىرلىك تەشكىل قىلىنماي، ماترىئارخاللىق تۈزۈمىدىكى چوڭ ئائىلىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولغان، نىكاھلانغان ئىككى تەرەپنىڭ مال - مۈلكى ھەر ئىككىسىنىڭ ئانا تەرەپ ئائىلىسىگە مەنسۇپ بولغان. جۈپ نىكاھلىنىشنىڭ بىخى توپ نىكاھلىنىشنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە بارلىققا كەلگەن. ئالايلۇق بىر ئەرنىڭ كۆپلىگەن خوتۇنلىرى ئىچىدە بىر ئاساسلىق خوتۇنى بولغان، ئەكسىچە، ئايالنىڭمۇ بىر ئاساسلىق ئېرى بولغان. ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، نىكاھلىنىش دەرىجىسى بارغانسېرى كۆپىىپ، توپ نىكاھلىنىش دائىرىسى بارا - بارا تارىيىپ، ئاخىرى تەرەققىي قىلىپ، جۈپ نىكاھلىنىشقا ئۆتكەن. ⅪⅩ ئەسىردىن بۇرۇن شىمالىي ئامېرىكا ئىندىئانلىرىنىڭ سېنېكا قەبىلىسىدە ۋە ئامېرىكىنىڭ مىسسىسىپى دەرياىسنىڭ شەرقىدىكى يەرلىك قەبىلىلەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان جۈپ نىكاھلىنىشنىڭ مىساللىرى جۈپ نىكاھلىنىشنىڭ يەنىلا ئۇرۇقنىڭ سىرتىدىكى نىكاھلىنىش ئىكەنلىكىنى، ئەر - خوتۇن ئوخشاش بولمىغان ئۇرۇققا مەنسۇپ بولىدىغانلىقىنى، تۇرمۇشنىڭ دەسلىپىدە <ئەرنىڭ ئايالنى يوقلاش> (ئەرنىڭ ئايالنى زىيارەت قىلىش) ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولسا، كېيىن <ئەرنىڭ ئايال تەرەپتە ئۆي تۇتۇش> (ئەرنىڭ ئايال تەرەپنىڭ ئانا جەمەتى چوڭ ئائىلىسىدە تۇرۇشى) ئۇسۇلى قوللىنىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.