Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
巨岛事件
دۇنيا تارىخى
جۈۋىنداۋ ئارىلى ۋەقەسى
1885-يىلىدىكى ئەنگلىيىنىڭ چاۋشيەن جۈۋىنداۋ ئارىلىنى ئىشغال قىلىۋېلىش ۋەقەسى. 1884-يىلقى جياشىن سىياسىي ئۆزگىرىشدىن كېيىن، چاۋشيەن ھۆكۈمىتى گېرمانىيىلىك موللېندورف (1901 - 1848) نى دىپلوماتىيە مەسلىھەتچىلىكىگە تكلىپ قىلغان، روسىيىگە بېقىنغان. ئافغانىستاننىڭ چېگرا ماجىراسى تۈپەيلىدىن ئەنگلىيە بىلەن روسىيىنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيىلىشىپ كەتكەن. ئەنگلىيە روسىيىنىڭ جەنۇبقا كېڭىيىشىنى توسۇش ھەمدە روسىيە يىراق شەرق فلوتىنىڭ قاتناش يولىنى ئۈزۈۋېتىش ئۈچۈن، 1885-يىلى 4-ئايدا، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز بوغۇزىدىكى جۈۋىنداۋ ئارىلىنى تۇيۇقسىز بېسىۋېلىپ، ئارالدا ئاكوب - خەندەكلەرنى ياساش بىلەن بىرگە جۇڭگو چىڭ ھۆكۈمىتىدىن چاۋشيەندە روسىيىگە قارىتا ھەرگىز يول قويماسلىقنى تەلەپ قىلغان. چىڭ ھۆكۈمىتى چاررسىيىنى چەكلەش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن شىڭ شىۋەن دايۇنجۈننى چاۋشيەنگە قايتۇرۇپ روسىيەپەرەس مىن فېي ئېقىمىدىكىلەرگە بېسىم ئىشلەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئەنگلىيىنىڭ مەزكۇر ئارالنى بېسىۋېلىشىغا سۈكۈت قىلىش بىلەن بىرگە گېرمانىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلغان. روسىيە بولسا چىڭ ھۆكۈمىتىگە ئەگەر ئەنگلىيىنىڭ مەزكۇر ئارالنى بېسىۋالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلسا، روسىيىنىڭمۇ چاۋشيەننىڭ بىر قىسىم زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋالدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالغان. شۇنىڭ بىلەن، چىڭ ھۆكۈىتى ئەنگلىيىدىن مەزكۇر ئارالدىن چېكىنىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان. بىر نەچچە قېتىملىق ئارىلىشىش ئارقىلىق ئەنگلىيە روسىيىنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە چاۋشيەننىڭ يەرلىرىنى بېسىۋالماسلىقىنى شەرت قىلغان ئاساستا، 1887-يىلى 2-ئايدا مەزكۇر ئارالدىن چىقىپ كەتكەن.