Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
جۇڭچى باج - سېلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
中圻抗税运动
zhōng qí kàng shuì yùn dòng
ۋيېتنامنىڭ جۇڭچى (ھازىر ئوتتۇرا قىسىم دەپ ئاتىلىدۇ) دېگەن يېرىىدكى دېھقانلارنىڭ فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى ۋە ۋيېتنام خائىنلىرىنىڭ باج - سېلىق يىغىشى ۋە ھاشارغا تۇۇشىغا قارشى ئاممىۋى ھەرىكىتى قىسقا كىيىم ىيىش، دۆلەت مېلىنى ئىشلىتىش، يامان ئادەتلەرنى بىكار قىلىش، سودا - ساائەتكە ئەھمىيەت بېرىش، مەكتەپ قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇرژۇئا ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتى ئىدى. جۇڭچىدا <يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى> دەپ ئاتالغان. رەھبىرى پەنچوترىن قاتارلىقلار. ھەرىكەت <فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرىەە باج تاپشۇرماسلىق> شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، دېھقانلار ھەىركىتىگە ئايلانغان. 1908-يىلى 3-ئاينىڭ باشلىرىدا ئالدى بىلەن گۇڭنەن ئۆلكىسى دالۇ ناھىيىسىدە پارتلاپ، كېيىن جۇڭچىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىگە يېيىلغان. دېھقانلار باج - سېلىق يىغىش ۋ ھاشارغا تۇتۇشقا قارشى نامايىش قىلىپ، ئەمەلدارلارنى تۇتۇپ، خائىنلارنى جازالىغان. بەزى جايلاردا تەرەققىي قىلىپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋالىدىغان ئىسيانغا ئايلانغان. قاتناشقانلار قىسقا چاچ قويغانلىقتىن، قىسقا چاچلىقلار ھەرىكىتى دەپمۇ ئاتالغان، كېيىن فرانسىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ باستۇرۇشى ئارقىسىدا يىمىرىلگەن، ئىلگىرى - كېيىن ئۈچ ئاي داۋاملاشقان.