Uyghurئاساسىي لۇغەت
جونېس قانۇنى
دۇنيا تارىخى
<فىلىپپىن ئاپتونومىيە قانۇنى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىننى مۇستەملىكە قىلىپ باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىش قانۇنى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى جونېس ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ۈچۈن، ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. 1916-يىل 8-ئاينىڭ 29-كۈنى ئامېرىكا پارلامېنتى تەرىپىدىن ماقۇللانغان. ئاساسىي مەزمۇنى: ئامېرىكا - فىلىپپىن ئارىلاشما كومىتېتىنى تارقتىتىۋېتىپ، قانۇن چىقىرىش ھوقۇىنى فىلىپىن كېڭەش، ئاۋام پالاتالىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش، فىىپپىنلىك ئەمەلدارلارنى كۆپەيتىپ، فىلىپپىن ھۆكۈمىتىگە تېخىمۇ چوڭ ھوقۇق بېرىش؛ مەمۇرىي ھوقۇق ئامېرىكا باش ۋالىيىسىنىڭ قولىدا بولۇش، باش ۋالىيدا چىقىرىلغان قانۇننى ئىنكار قىلىش ھوقۇقى بولۇش؛ فىلىپپىندا <مۇقىم ھۆكۈمەت> قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئۇنىڭ <مۇستەقىل> بولۇشىغا رۇخسەت قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئامېرىكا بۇ قانۇن ئارقىلىق فىلىپپىن خەلقىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى كەيپىياتىنى پەسەيتىپ، ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنغان.