Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
جون بروۋن قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
约翰.布郎起义
yuē hàn .bù láng qǐ yì
ئامېرىكىدا قۇللۇقنى بىكار قىلىش ھەرىكىتى داۋامىدا، نېگىرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەر بىرلىشپ ئېلىپ بارغان قوراللىق قوزغىلاڭ. ئاق تەنلىك جون بروۋن (1800 - 1859) رەھبەرلىك قىلغان. 1859 - يىل ـ 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كېچىسى بروۋن قاتارلىق 21 كىشى ۋىرگىنىيە شتاتىنىڭ شىمالىدىكى ھارپېرس كېچىكىگە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ قورال - ياراق ئىسكىلاتىنى بىر مەھەل بېسىۋېلىپ، ئەتراپتىكى قۇللارنى ئازاد قىلغان. لېكىن سان جەھەتتىكى پەرقنىڭ چوڭ بولغانلىقى تۈپەيلىدىن قوزغىلاڭ ئاخىر مەغلۇپ بولۇپ، قوزغىلاڭچىلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ جەنۇب - شىمال ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىنى تېزلەتكەن.