Uyghurئاساسىي لۇغەت
جىنسقا ئەگەشكەن ئىرسىيەت
بىئولوگىيە
<جىسني تۇتاش ھالقا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بەزى ئىرسىيەت ئالاھىدىلىكلەر دائىم بەلگىلىك جىنسۇغا ئەگىشىپ ئىپادىلىنىدۇ، بۇ ئالامەتلەرنى بەلگىلەيدىغان گېنلارنىڭ ئورنى جىنسىي خروموسومىدا بولىدۇ، يەنى x خروموسومىدا جىنسقا ئەگەشكەن گېن بولىدۇ. ئىنسانلاردىكى قانىغانلىق كېسىلىنى x خروموسومدىكى يوشۇرۇنلۇق كېسىىنى x خروموسومدىكى يوشۇرۇنلۇق گېن بەلگىلەيدۇ. ئارىلاش زىگوتىلىق ئانا ۋە نورمال ئاتىدىن تۇغۇلغان قىز كېسەل بولمايدۇ، ئوغۇللارنىڭ يېرىمى كېسەل بولىدۇ. بۇ ئوغۇللارنىڭ يېرىمى كېسەل بولىدۇ. بۇ ئوغۇللارنىڭ يېرىمىدا ئانىسىدىن كەلگەن قانىغانلىق كېسىلىنىڭ گېنى بولغان x خروموسومىسى بولىدۇ، ئادەتتە خروموسومىدا تەڭ ئۇرۇقلۇق گېن بولمايدۇ - دە، يوشۇرۇنلۇق گېن ئىپادىلىنىدۇ. قىزنىڭ ئىككى تال x خروموسومىسىنىڭ بىر تېلى ئاتىسىدىن كەلگەن بولۇپ، كېسەل بولمىغانلىقتىن بۇ خروموسوما نورمال بولىدۇ.