Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
جىن شىمىن
دۇنيا تارىخى
金时敏
jīn shí mǐn
چاۋشيەن رىنچىن ۋەتەن ئۇرۇشىدىىكى ۋەتەنپەرەۋەر سەركەردە. 1592 - يىلى 10-ئايدا ۋۇشەن، جىنخەي قاتارلىق جايلارنى ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقان ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ 30 مىڭدىن ئوشۇق ئەسكىرى چىڭ شاڭداۋ ۋىلايىتى جىنجۇ ناھىيىسىگە ھۇجۇم قىلغان. جىن شىمىن 3700 كىشىلىك قوغدىغۇچى قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ چىڭ ساقلىغان. شەھەر خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە ئۇرۇشقا قاتنىشىشى، شۇنىڭدەك گوزەييۇ قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى پىدائىي قوشۇنلارنىڭ ماسلىشىشىغا ئېرىشكەن. 10-ئاينىڭ 9-كۈنى ئومۇميۈلۈك ھۇجۇمغا ئۇچرىغان دۈشمەن مەغلۇپ بولۇپ چېكىنگەن. بۇ ۋەقە تارىختا <جىنجۇدىكى ئۇلۇغ غەلىبە> دەپ ئاتالغان.