Uyghurئاساسىي لۇغەت
جىن شىڭجۇ
دۇنيا تارىخى
(1891 - 1955) جەنۇبىي چاۋشيەندىكى سودا - سانائەتچى، دېموكراتىك خەلق پارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى. لەقىمى رىن سۇن، چۈەندۇلوبېي ۋىلايىتى، گاۋشياڭ ناھىيىسىدىن. 1914-يىلى ياپونىيە ۋاسېدا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن جۇڭياڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ داۋاملىق ئاچقان. 1919-يىلى مىللىي كاپىتالنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە <پايتەخت توقۇمىچىلىق جەمئىيىتىنى> تەسىس قىلغان، كېيىن <1-مارت> ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، مىللەتچىلىك مەدەنىي مارئىپ پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1920-يىلى <شەرقىي ئاسىيا گېزىتى> نى تەسىس قىلغان. 1932-يىلى پوچىڭ تېخنىكۇمىنى (كورىيە داشۆسىنىڭ تەكتى) قۇرغان ھەمدە بۇ مەكتەپكە مۇدىر بولغان. 1945-يىلى ئامېرىكا ئارمىيىسى جەنۇبىي چاۋشيەندە قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھەربىي ئىشلىرى نازارىتىنىڭ باش مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1946-يىلى كورىيە دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىكىگە، كورىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش مىلىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1949-يىلى دېموكراتىك پارتىيە بىلەن خەلق پارىتيىسى قوشۇلۇپ دېموكراتىك خەلق پارتىيىسى بولغان. جىن شىڭجۇ بۇ پارتىيىنىڭ ئالىي كومىتېت ئەزسى بولغان. جىن شىڭجۇ بۇ پارتىيىنىڭ ئالىي كومىتېت ئەزاسى بولغان. 1951-يىلى مۇئاۋىن <سۇڭتۇڭ> لىققا سايلانغان. لىسېنماننىڭ مۇستەبىتلىكىگە قارشى تۇرغانلىقتىن ئىككىچنى يىلى 5-ئايدا خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن.