Uyghurئاساسىي لۇغەت
جېنناد يارك
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1412 - 1431) 100 يىللىق ئۇرۇش مەزگىلىدىكى فرانسىيىلىك ئايال مىللىي قەھرىمان. فرانسىيىنڭ شەرقىي - شىمالىدىكى دومرېمسى (ھازىرقى ۋوسگېس ئۆلكىسىدە) كەنتىدىكى دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1415-يىلى، ئەنگلىيە قوشۇنى ئزېنكۇ جېڭىدە فرانسىيە قوشۇنىنى يېڭىپ، ئارقىدىنلا فرانسىيىنىڭ پارىژنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىمالدىكى كەڭ رايونلىرىنى بېسىۋالغان. 1420-يىلى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە <ترويېس سۈلھ شەرتنامىسى>نى ئىمزالاپ، شەتنامىگە ئاساسەن فرانسىيە كورۇلى چارلېس Ⅵ نىڭ ئوغلى چارلېسنىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋالغان. 1422-يىلى چارلېس Ⅵ فرانسىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە قوشۇمچە ۋارىسلىق قىلغان. شاھزادە چارلېس فرانسىيىنىڭ جەنۇبىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1428-يىلى 10-ئايدا، ئەنگلىيە قوشۇنى پارىژنىڭ جەنۇبىدىكى ئورلېئان شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋېلىپ، پۈتكۈل فرانسىيىنى بېسىۋالماقچى بولغان. مىللەتنىڭ ھايات - ماماتلىق پەيتىدە، جېنناد يارك چارلېس بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنى ئۆزىنى قوماندان قىلىپ، ئولېئان شەھىرىنى قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتىشكە ماقۇل كەلتۈرگەن. 1429-يىلى 4-ئايدا، جېنناد يارك قوشۇن باشلاپ ئوېلېئان شەھىرىنىڭ يېنىغا يېتىپ بارغان. 5-ئاينىڭ باشلىرىدا پداكارلىق بىلەن جەڭ قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرى شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالغان ئەنگلاىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. خگلق ئۇنى <ئورلېئان قىزى> دەپ مەدھىيىلەشكەن. كېيىن يەنە شىمالغا يۈرۈش قىلىپ بەزى شەھەرلەرنى قايتۇرۇۋالغان. شۇ يىلى 7-ئايدا، چارلېس رەسمىي تاج كىيىپ، فرانسىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ چارلېس ⅤⅡ دەپ ئاتالغان. جېنناد ياركنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئابرويى بەكمۇ زور بولغانلىقتىن، چارلېس ۋە چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ گۇمان ۋە ئىچى تارلىقىنى قوزغىغان. 1430-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئۇ كومپېن شەھىرى (پارىژنىڭ شىمالىدا) نىڭ يېنىدا ئەنگلىيە قوشۇنى ۋە ئۇنىڭ ئىتىتپاقدىشى - بۇرگوند گۇرۇھىدىكىلەر بىلەن جەڭ قىلغاندا، بۇرگوند گۇرۇھىدىكىلەر ئەسىرگە ئېلىۋېلىپ، كېيىن ئەنگلىيە دائىرلىرىگە تۇتۇپ بەرگەن. چارلېس قاراپ تۇرۇپ قۇتقۇزمىغان. ئەنگلىيە قوشۇنى ئۇنى دىنىي سوتنىڭ سوراق قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، بىدئەت ۋە ئايال داخان دېگەن جىنايەت بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان. 1431-يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنى روئاندىكى ئوت جازاسى تۈۋرۈىدە ۆيدۈرۈلگەن.