Uyghurئاساسىي لۇغەت
جىنجۇ
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەن كورىيە مۇستەقىللىق پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى. كىچىك ۋاقتىدىكى ئىسمى چاڭمۇ، تەخەللۇسى بەي فەن، خۇاڭخەيداۋ ۋىلايىتى، خەيجۇ ناھىيىسىدىن. نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپ خەنزۇ ئالىملىرىدىن خەنزۇچە ئۆگەنگەن. 18 يېشىدا دۇڭشۆداڭ پارتىيىسىگە كىرگەن. 1894-يىلى خۇاڭخەيداۋدىكى دۇڭشۆداڭ پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. 1896-يىلى خانىكە مىن ئۆلتۈرۈلگەندە، ياپون ژاندارمىلىرىغا تۇيۇقسىز زەربە بەرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. 1898-يىلى تۈرمىدىن چىقىپ راھىب بولغان. 1909-يىلى يۇرتىدا مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1911-يىلى باش ۋالىي تېرائۇچىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىگە چېتىلىپ قېلىپ يەنە قولغا ئېلىنغان. 1914-يىلى تۈرمىدىن چىققان. <1-مارت> ھەرىكىتىدىن كېيىن جۇڭگوغا قېچىپ كەلگەن. شاڭخەيدىكى <كورىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى> دە ساقچى باشلىقى، باش مىنىستىر بولغان. 1928-يىلى كورىيە مۇستەقىللىك پارتىيىسىنى تەشكىللىگەن ۋە بۇ پارتىيىنىڭ رەھبىرى بولغان.2193ىلى لى فېڭچاڭنىڭ ياپونىيە توكيو شەھىرىدە ياپونىيە تېننوسىنى ئۆلتۈرۈشكە باشچىلىق قىلىپ ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان. شۇ يىلى يىن فىڭجىنىڭ شاڭخەي خۇڭكو باغچىسىدا گېنېرال ئارمىيە شىراكاۋا قاتارلىقلارنى پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈشكە قوماندانلىق قىلغان. 1944-يىلى چۇڭچىڭدا <ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت> نىڭ رەئىسى بولغان. 1945-يىلى چاۋشيەن ئازاد بولغاندىن كېيىن دۆلىتىگە قايتىپ كەتكەن. 1948-يىلى 4-ئايدا پىخنىيانغا بېرىپ جەنۇبىي ۋە شىمالىي چاۋشيەن پارتىيە، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋەكىللىرىنىڭ بىرلەشمە يىغىنىغا قاتناشقان. جەنۇبىي چاۋشيەنگە بارغاندىن كېيىن چاۋشيەننىڭ مۇستەقىللىك بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، لىسېنمانىڭ بىلەن بولغان زىددىيىتى كۈنسېرى يامانلاشقان. 1949-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى جەنۇبىي ۋە شىمالىي چاۋشيەندىكى پارتىيە، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋەكىللىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق بىرلەشمە يىغىنىغا قاتنىشىش ھارپىسىدا لېسىنمان قولچۇمىقى ئەن دۇشى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.