Uyghurئاساسىي لۇغەت
جىم ياتقان يىلاننىڭ بېشىغا تاش ئاتماق
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
باشقىلارغا ئورۇنسىز چېقىلماق، دۈشمەنگە تەييارلىقسىز تېگىپ قويماق: مۇبادا جىم ياتقان يىلاننىڭ بېشىغا تاش ئېتىپ قويساق، يىلان چاققىلى نەشتىرىنى تەڭلەپ كەلسە، زادى نېمە بىلەن ئۆزىمىزنى مۇھاپىزەت قىلىمىز.