Uyghurئاساسىي لۇغەت
جىلدىرلىما
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. بالىلار ئويۇنچۇقى، ئادەتتە يۇمىلاق چەمبەر شەكىللىك بولىدۇ. ئۇنى تومراق سىم ياكى ئىنچىكىرەك تۆمۈر تاياقچىدىن مۇۋاپىق ياسالغان ئىلمەك قۇرۇلما ئارقىلىق، يەردە ياتقۇزۇپ قويماي تېز ھەم ئۇزۇنغىچە ھەيدەپ ماڭغىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭ جىلدىرلىمىسى مېنىڭكىدىن ياخشى ھەم يېڭى ئىدى.
ئى. داپ قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ چۆرىسىگە بېكىتىلگەن، سىرتقى تەسىرگە ئۇچرىغاندا ئۆزئارا تېگىشىپ، جىلدىرلاپ ئاۋاز چىقىرىدىغان، كىچىك - كىچىك تۆمۈر ھالقا قاتارلىق نەرسىلەردىن تۈزۈلگەن قۇرۇلما.
ئۇنىڭ دېپىغا تېخى جىلدىرلىما ئورنىتىلمىغانىدى.
سۈپ <جىلدىر - جىلدىر> ئاۋاز چىقىرىدىغان، جىلدىرلايدىغان.
ئۇنىڭ بىلەكلىرىدىكى جىلدىرلىما بىلەيزۈكنىڭ ئاۋازى داپ ئاۋازىغا زىل ئاۋاز قوشاتتى.