Uyghurئاساسىي لۇغەت
جېك لوندون
دۇنيا تارىخى
(1876 - 1916) ئامېىركا يازغۇچىسى. سان - فرانسىسكو شەھىرىدە نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئون يېشىدىلا گېزىت ساتقان، 14 يېشىدا بالا ئىشچى بولغان. 1893-يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە تيولېن تۇغۇلغان. ئون يېشىدىلا گېزىت ساتقان، 14 يېشىدا بالا ئىشچى بولغان. 1893-يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە تيولېن تۇتىدىغان پارفخوتتا ماتروس بولغان، ياپونىيىگە بارغان. 1896-يىلى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ بىر نەچچە ئاي ئوقۇغان، نىتىسشې، سپېنسېر، ماركس تەلىماتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 90-يىللاردىن باشلاپ سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1897 - 1798 - يىللىرى كانادانىڭ يۇكون دەرياسى ۋاسىسىدا ئالتۇن چايقىغان. 1899-يىللىرى كانادانىڭ يۇكون دەرياسى ۋادىسىدا ئالتۇن چايقىغان. 1599-يىلى ئالتۇن چايقىغۇچى ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن <ئوۋچى> دېگەن ھېكايىسىنى ئېلان قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. 1900-يىلى <بۆرە بالىسى> دېگەن پوۋېستى نەشر قىلىنغان. 1902-يىلى مۇخبىرلىق سالاھىيىتى بىلەن ئەنگلىيىگە بېرىپ، <گىرادپىتىكى كىشىلەر> نى ئېلان قىلىپ، بىئولوگىيىلىك كۆز قاراش بىلەن ئىجتىمائىي زىددىيەتنى ئىزاھلاش خاھىشىنى ئاشكارىلىغان. ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە جەڭ مەيدانى مۇخبىرى بولغان. 1913-يىلدىن كېيىن ئىجادىيىتى چېكىنىپ كەتكەن. 1916-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىدىن چېكىنىپ چىققان. جەمئىي 40 نەچچە پارچە ئەسەر يازغان ئەسەرلىرى ئاددىي بولۇپ، كىشىلەرنىڭ تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىشتىكى قەيەر روھى ئىپادىلەنگەن. كېيىنكى ئەسەرلىرى ئىسلاھاتچىلىق تۈس ئالغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك خااكتېرگە ئىگە ئەسەرلىرىدىن ئامېرىكا بۇرژۇئا دېموكراتىيىسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئېچىپ بېرىدىغان رومانى <تۆمۈر تاپان> ۋە تەرجىمىھالى خاراكتېرلىك رومانى <ارتىن ئىدېن> قاتارلىقلار بار.